ئۇيغۇر دىيارىدا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن چاغانلىق پائالىيەتلەر كۆپلەپ تەشكىللەنمەكتە

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017-01-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

چاغان بايرىمىنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن ئۇيغۇر رايونى دائىرىسىدە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تۈرلۈك شەكىلدە بايرام پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرۇلۇشقا باشلىغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچىدە مەخسۇس چاغانلىق كوللېكتىپ پەتە پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغان. 25-يانۋار كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن چاغانلىق پائالىيەتكە پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايون رەئىسى شۆھرەت زاكىر ۋە باشقا رەھبىرىي شەخسلەر ئىشتىراك قىلغان.

چاغانلىق پەتە مۇراسىمىدا چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر قاتارلىقلار سۆز قىلغان بولۇپ، شۆھرەت زاكىر قىلغان سۆزىدە بىر قاتار نۇقتىلار قاتارىدا مۇھىم نۇقتا سۈپىتىدە مۇقىملىقنى قوغداش مەسىلىسىنى تەكىتلەپ :«يېڭى بىر يىلدا، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مۇقىملىقنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش»دەپ كۆرسەتكەن.

چېن چۈەنگو يەنە تۇرپانغا بېرىپ ئۇ يەردىكى دائىرىلەر ۋە بىر قىسىم ئاھالىدىن چاغانلىق ھال سورىغان.

«نۇر تورى»نىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، چاغان مەزگىلىدە ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان بىر قىسىن ناھىيە ۋە يېزىلاردا يەرلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرى تەرىپىدىن تۈرلۈك چاغانلىق پائالىيەت تەشكىللەنگەن بولۇپ، مەسىلەن، چەرچەن، چاقىلىق ناھىيىسىدە ۋە يەنە بەزى جايلاردا سەنئەت پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرۇلغان.

بەزى ناھىيە بازارلىرى دائىرىلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن خىتاي مىللىي مەدەنىيەت ئەنئەنىسى سىياسىي تەشۋىقاتقا بىرلەشتۈرۈلگەن بايراملىق ئەسلىھەلەر بىلەن ياساندۇرۇلغان. مەسىلەن كۇچا ناھىيەسىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئاساسلىق كوچىلار، مەدەنىيەت مەيدانى قاتارلىق ئاممىۋىي سورۇنلار، ئىدارە-ئورۇن، كارخانا، مەكتەپ، گازارما قاتارلىق ئورۇنلارغا بىردەك رەڭدار پانۇس، گۈللەر، ۋە خىتايچە بايرام تەبرىك چوڭ خەتلىرى بىلەن بېزەلگەن.

«جۇڭگو ئۇچۇر تورى» سۈرەتلىك خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، چاغان ئالدىدا توقسۇن ناھىيىسىدە دائىرىلەر ئون مىڭ كىشىلىك چاغانلىق جۇۋاۋا يېيىش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بۇ يەنە مۇسابىقە تۈسى ئالغۇزۇلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت