چېن چۈەنگو چاغان بايرىمى مەزگىلىدىكى «مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتى» يىغىنىدا قاتتىق زەربە بېرىشنى تەكىتلىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017-01-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو 25-يانۋار كۈنى ئېچىلغان «مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتى» يىغىندا چاغان مەزگىلىدىكى بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىشنى تەكىتلەپ، 10 خىل ماددا بويىچە سۆز قىلغان.

تەڭرىتاغ خەۋەرلەر تورى ئۇنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن 10 خىل تەدبىرىنىڭ تولۇق مەزمۇنىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ ماددىلار ئاساسەن قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش، ھوشيار بولۇش، يۇقىرى بېسىملىق ھالەتنى ساقلاش، ئۇجۇقتۇرۇش، يىلتىزىدىن قۇرۇتۇش دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەر بىلەن تولغان بولۇپ، بولۇپمۇ ئۇنىڭ تۆۋەندىكى سۆزى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇ سۆزىنىڭ 4-ۋە 5 ماددىلىرىدا تۆۋەندىكىلەرنى دېگەن: «مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. يېزا، كەنت، مەھەللىنىڭ ئىناق، مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشتا، ھەر دەرىجىلىك كادىرلار ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئائىلىلەرنى ھۆددىگە ئېلىپ، ئائىلىلەرگە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلىشى كېرەك... تەكشۈرۈش پونكىتلىرى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ھەقىقىي ئالدىنقى سەپ قاراۋۇلخانىسى بولۇشى؛ جەمئىيەتتە تورلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئادەتتىكى رايونلاردا ئۈچ مىنۇتتا، نۇقتىلىق ئورۇنلاردا بىر مىنۇتتا بىر تەرەپ قىلىش چەمبىرىكى ھاسىل قىلىشى كېرەك...»

چېن چۈەنگو سۆزىنى داۋام قىلىپ: «قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش جەھەتتە يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاش كېرەك. يۇقىرى بېسىم، چۆچۈتۈش ھالىتىنى داۋاملىق ساقلاپ، زوراۋان-تېررورچىلارغا كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، قەتئىي زەربە بېرىپ، تەلتۆكۈس يوقىتىپ، ئۇلارنى يىلتىزىدىن قۇرۇتۇش كېرەك» دېگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت چېن چۈەنگونىڭ يۇقىرىدىكى بۇ سۆزلەر ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدا ئىجرا قىلىنىۋاتقان ۋە خەلقئارا قانۇنلارغا تۈپتىن خىلاپ بولغان «سوتسىز ئۆلۈم» سىياسىتىنى ئوچۇق-ئاشكارا قوللاۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇنى داۋاملىق ئىجرا قىلىش ئۈچۈن كۈشكۈرتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ئەسكەرتىپ، خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا گۇمانلىق كۆرۈلگەن ھەرقانداق بىر كىشىنى ئېتىپ، نەق مەيداندا بىر تەرەپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن «تېررورچى» قالپىقى كىيگۈزۈۋاتقانلىقىنى، ھالبۇكى، دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدە بىر تېررورچىنىڭمۇ سوتلىنىش، ئادۋوكات ياللاش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت