«تەڭرىتاغ رىشتىسى» ناملىق ئىتوت ئۇيغۇر كۆرۈرمەنلىرىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە دۇچ كەلدى

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017-01-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۇ يىللىق خىتاينىڭ چاغان بايرىمىغا بېغىشلاپ ئىشلەنگەن «ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكى» خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيەسىنىڭ بىرىنچى قانىلىدا قويۇلۇشى بىلەن ئۇيغۇر دىيارى ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە دۇچ كەلدى.

ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر كېچىلىكتە ئۇيغۇر كۈلدۈرگە ئارتىستلىرىنىڭ خىتاي تىلى بىلەن ئورۇنلىشىدا «تەڭرىتاغ رىشتىسى» ناملىق «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» غا بېغىشلانغان بىر ئىتوت سەھنىگە ئېلىپ چىقىلغان.

يەرلىك ئۇيغۇر ئاھالىلىرى بىلەن خىتاي تۆمۈريول ئىشچىلىرىنىڭ «بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىناق-ئىتتىپاق ياشاۋاتقانلىقى» ئەكس ئەتتۈرۈلگەن مەزكۇر ئىتوتتا كۈلدۈرگە ئارتىستلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتى، مىجەز-خاراكتېرى ۋە مىللىي ئۇدۇملىرىغا پۈتۈنلەي يات بولغان سەھنىدىكى ياسالما سۆز، ھەرىكەتلىرى ئۇيغۇر تاماشابىنلارنى قاتتىق بىئارام قىلغان.

تېخىمۇ بىمەنە يېرى شۇكى، مەزكۇر ئىتوت ئۈچۈن خوتەندە بېقىلغان بىر ئېشەك پويىز بىلەن بېيجىڭغا ئېلىپ بېرىلغان ھەمدە سەھنىگە ئېلىپ چىقىلىپ، مەزكۇر ئىتوتتىكى خىتاي تۆمۈريول ئىشچىسىغا تازىم قىلىپ سالام بەرگۈزۈلگەن.

سەنئەت روھى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي خاراكتېرى بىلەن قىلچە جىپسىلاشمايدىغان بۇ ئىتوت ئۇيغۇر كۆرۈرمەنلەرنى قانچىلىك غەزەپلەندۈرگەن بولسا، خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا شۇنچىلىك كۆككە كۆتۈرۈپ تەشۋىق قىلىنغان.

خەلق تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى مەخسۇس خەۋىرىدە مەزكۇر ئىتوتنى «جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ چاغانلىق ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكىدىن ئورۇن ئالغان تۇنجى ئىتوت» دەپ تەرىپلىگەن ھەمدە ئۇنىڭ مەزكۇر كېچىلىكتىكى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن 9 نومۇرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەشۋىق قىلغان.

ئۇيغۇر دىيارى ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرۇپ، سىياسىي ئېھتىياج تۈپەيلى سەھنىگە ئېلىپ چىقىلىۋاتقان بۇ تۈردىكى بىمەنە «سەنئەت نومۇرلىرى» ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ غۇرۇرىنى دەپسەندە قىلىدۇ، دەپ تەكىتلىمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت