ئامېرىكا بىر تۈركۈم خىتاي ماللىرىغا قارىتا چېگرا بېجىنى ئۆستۈردى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018-01-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ تۈنۈگۈن خىتاينىڭ قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسى ۋە كىر يۇيۇش ماشىنىسىغا 30 پىرسەنت چېگرا بېجى قويۇش ھەققىدە يېڭى بىر قانۇنغا ئىمزا قويدى.

دونالد ترامپ سايلام مەزگىلىدە ئامېرىكا فابرىكىلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدايدىغانلىقى ھەققىدە كۆپ قېتىم ۋەدە بەرگەن ۋە بۇ ۋەدىسى بويىچە يېقىنقى ئايلاردىن بېرى خىتاي ماللىرىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىدى. خەلقئارا ئىستراتېگىيە مەركىزىنىڭ مەسلىھەتچىسى سكوت مىللېر ترامپنىڭ چېگرا بېجىنى ئۆستۈرۈش تەدبىرىگە «پرېزىدېنتقا خاس تۇنجى ۋە ئاكتىپ ھەرىكەت» دەپ باھا بەرگەن.

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىشىچە، بەزى كۆزەتكۈچىلەر، بۇ ئۆستۈرۈلگەن چېگرا بېجىنىڭ بىر تەرەپتىن ئامېرىكا فابرىكىلىرىغا پايدىلىق بولسىمۇ يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇنىڭ ئامېرىكا فابرىكىلىرىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ، ئامېرىكا يولغا قويغان بۇ تەدبىرنى «قوش بىسلىق قىلىچ» قا ئوخشاتقان. ئۇ، «بۇ قىلىچنىڭ بىر بىسى چەتئەل كارخانىلىرىغا زەربە بەرسە، يەنە بىر بىسى ئامېرىكىنى زەخىملەندۈرىدۇ،» دېگەن.

پرېزىدېنت ترامپ تۈنۈگۈن مەزكۇر چېگرا بېجى قانۇنىغا ئىمزا قويغان چېغىدا، «بۇ ئامېرىكىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن زىيان تارتقۇچى تەرەپ بولۇۋەرمەيدىغانلىقىنىڭ بىر سىگنالىدۇر،» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت