ئۇيغۇر دىيارىلىق چېلىشچى خىتايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئەركىن چېلىشىش مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-05-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەن بىر ياش چېلىشچى يېقىندا خىتاينىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن خىتاينىڭ 20 ياشلىقلار مەملىكەتلىك ئەركىن چېلىشىش تۈرىنىڭ لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان.

مۇسابىقە 24‏-ماي كۈنى خىتاينىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىدىكى لياۋچېڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن. مۇسابىقىدە 20 ياشلىق قابىلا ئارقا-ئارقىدىن 4 رەقبىنى يېڭىپ، 92 كىلوگراملىقلار بويىچە چىمپىيونلۇققا ئېرىشكەن. مۇسابىقىدە ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەن يەنە ئىككى نەپەر چېلىشچى ئايرىم-ئايرىم كۈمۈش مېدال ۋە مىس مېدالغا ئېرىشكەن.

«شىنجاڭ ئەتىگەنلىك گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، چېلىشچىلاردىن تۇرسۇن 70 كىلوگراملىقلارنىڭ مۇسابىقىسىدە كۈمۈش مېدالغا، رۇستەم راخمان 92 كىلوگراملىقلارنىڭ مۇسابىقىسىدە مىس مېدالغا ئېرىشكەن. بۇ قېتىمقى مۇسابىقە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى تىجارەتچىلىرىنى، دىنىي زاتلىرىنى، يازغۇچى-سەنئەتكارلىرىنى ۋە تەنتەربىيە چولپانلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارنى كەڭ كۆلەمدە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماۋاتقان بىر مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلگەن.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئاز دېگەندە بىر مىليون ئۇيغۇر بۇ لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلماقتىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىل 2‏-ئايدا جياڭسۇ سۇنىڭ كوماندىسىدا توپ ئوينايدىغان ئاتاقلىق ئۇيغۇر پوتبۇل چولپىنى ئېرفان ھېزىمنى دۆربىلجىندە تۇتقۇن قىلىپ، يىغىۋېلىش لاگېرىغا قامىغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ بۇ لاگېرلاردا تۇتقۇنلارنى ئۆز مىللىي كىملىكى، مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ئېتىقاتىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاپ، «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى. شەندوڭدا ئۆتكۈزۈلگەن يۇقىرىقى مۇسابىقىگە ئۇيغۇر دىيارىدىن 8 نەپەر چېلىشچى قاتناشقان.

«شىنجاڭ ئەتىگەنلىك گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىشىچە، چېلىشچىلار ئەترىتىنىڭ ترېنېرى داۋۇت نۇر چېمپىيون قابىلانى تونۇشتۇرۇپ، «ئۇ تەجرىبە-ساۋاقلارنى خۇلاسىلاشقا ماھىر. مەشىقلەردە ئەترەت تىرېنېرى بىلەن تېخنىكىلىق دېتاللاردا ماسلىشالايدۇ. ئۇنىڭ كۆڭۈل قويۇشى ۋە تىرىشچانلىقى ئۇنى چىمپىيونلىق سەھىنىسىگە ئېلىپ چىقتى،» دېگەن

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت