سەككىز ياشلىق ئۇيغۇر قىز خەلقئارالىق سەنئەت كۆرىكىدە چېمپىيون بولدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-06-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

7-نۆۋەتلىك خەلقئارا بالىلار سەنئەت مۇسابىقىسى 18-ئىيۇن كۈنى لاتۋىيەنىڭ يۇرمالا شەھىرىدە ئاخىرلاشتى. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە قازاقىستاندىن كەلگەن سەككىز ياشلىق ئۇيغۇر قىزى رامىلە جامالىدىنوۋا «ئاممىباب ناخشىلار» تۈرى بويىچە چېمپىيونلۇقنى ئېلىپ، مەخسۇس دىپلوم بىلەن تەقدىرلەنگەن.

ئالمۇتا شەھىرىدە چىقىدىغان «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ 21-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، رامىلە بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ يەتتە ياشتىن توققۇز ياشقىچە بولغان ئۆسمۈرلەر گۇرۇپپىسىدا ماھارەت كۆرسەتكەن. ئۇ ئورۇنلىغان ئىنگلىزچە ۋە قازاقچە ناخشىلار بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە قاتناشقان 150 ئۆسمۈرنىڭ كۆرسەتكەن نومۇرلىرى ئىچىدىن تاللىنىپ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، رامىلە بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە قازاقىستاندىن تاللانغان بىردىن-بىر ماھىر ئىكەن. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە قاتناشقان باشقا ئۆسمۈرلەر گېرمانىيە، بېلارۇسىيە، لىتۋا، ئېستونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەنلەر ئىكەن.

رامىلەنىڭ ئاپىسى راھىلە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رامىلە كىچىك ۋاقىتلىرىدىن باشلاپلا ناخشا-مۇزىكا بويىچە مەخسۇس تەربىيە ئالغان. ئۇ ھازىر كەلگۈسىدە بىر داڭلىق سەنئەتكار بولۇش ئۈچۈن تىرىشماقتا ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت