چېن چۈەنگو يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرى يىغىنىدا مۇقىملىقنى تەكىتلىگەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-02-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر رايونىنىڭ پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگو يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرى يىغىنىدا يەنە مۇقىملىقنى تەكىتلىگەن.

«تەڭرىتاغ تورى» تارقاتقان خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، چېن چۈەنگو 13-فېۋرال كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنى تىزگىنلەش خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان يوليورۇقلىرىنى ئۆگىنىش تېلېۋىزىيە يىغىنى چاقىرغان بولۇپ، ئۇ رايوندا تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى ۋىرۇسىنى تېزگىنلەشتە ئىشلىنىشكە تېگىشلىك خىزمەتلەر ھەققىدە توختىلىپ، رايوننىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى ۋە مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىر قولدا يۇقۇمنى تىزگىنلەشنى، يەنە بىر قولدا مۇقىملىقنى قوغداشنى تۇتۇشىمىز كېرەك. باش نىشانغا مەركەزلىشىپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ. . . ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا قەتئىي كاپالەتلىك قىلىپ، يۇقۇمنى تىزگىنلەش ئۈچۈن ياخشى شارائىت يارىتىشىمىز كېرەك.»

ئالدىنقى كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭمۇ يوليورۇقىدا كېسەللىكنى تىزگىنلەش بىلەن بىرگە دۆلەت مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن ئىدى.

بۇ قېتىم «ۋۇخەن ۋىرۇسى» خىتايدىكى تور بەتلەردە خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى ئاۋازلارنىڭ زورىيىشىغا سەۋەب بولغان بولۇپ، بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى جىددىي ئەندىشىگە سېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمەت تور بەتلىرىدىمۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش، كومپارتىيەگە بولغان ئىشەنچنى چىڭىتىش، ئۇنىڭدىن قەتئىي تەۋرەنمەسلىك توختىماي تەكىتلەنمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت