بېيجىڭدىكى چەتئەل مۇخبىرلار كۇلۇبى يىللىق دوكلادىدا چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ خىتايدىكى ۋەزىيىتى يامانلاشقانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2014-12-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


بېيجىڭدىكى چەتئەل مۇخبىرلار كۇلۇبى FCCC دۈشەنبە كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، 2014 - يىلى چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ خىتايدىكى ۋەزىيىتى ئەڭ يامانلاشقان بىر يىل بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

FCCC نىڭ دوكلاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تىبەت ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارەت قىلىشى ئەڭ قاتتىق تەقىپ قىلىنغان. دوكلاتتا ئامېرىكا ئاۋازى قاتارلىق چەتئەل ئاخباراتى مۇخبىرلىرىنىڭ بۇ يىل ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 30 - ئاپرېل ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسىدىكى پارتلاش ۋە 22 - ماي ئۈرۈمچى ئەتىگەنلىك بازار پارتلىتىش ھۇجۇمىدىن كېيىن، ئۈرۈمچىدە زىيارەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلارنىڭ نازارەت قىلىشى، ھەتتا پاراكەندە قىلىشىغا ئۇچرىغان ئەھۋاللار نەقىل ئېلىنغان.

دوكلاتتا يەنە، بىر قىسىم چەتئەل خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىنىڭ خىتايدا «چېگرا سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەر» دەپ ئاتىلىپ، چەتئەل ئاگېنتلىقىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىنى خىتايدا تارقاتقۇچىلارنىڭ زەربە بېرىش ئوبىكتى قىلىنىشى، ھەتتا سوتلىنىپ، ئېغىر جازالارغا ھۆكۈم قىلىنىشى، خىتايدا ئۇچۇر - ئاخبارات ئەركىنلىكى ۋەزىيىتىنىڭ ئۆتكەن يىللارغا سېلىشتۇرغاندا 2014 - يىلى ئەڭ يامان ھالەتكە يەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت