يېڭى زېلاندىيە زەيتۇن توپ چولپىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى تەنقىد قىلدى

2020-02-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يېڭى زېلاندىيە زەيتۇن توپ چولپىنى سونىي بىل ۋىليامىس «سكاي خەۋەرلىرى» قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى تەنقىد قىلغان. بۇ سونىي بىل ۋىليامىسنىڭ تۇنجى قېتىم بىر خەۋەر قانىلىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى ئوچۇق-ئاشكارا تەنقىد قىلىشىدۇر.

ئۇ ئۆتكەن يىلى 12‏-ئايدا گېرمانىيەلىك پۇتبول چولپىنى مەسئۇت ئۆزىلنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سۆزىنى قوللاپ، زور غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى. سونىي ۋىليامس 2‏-فېۋرال كۈنى «سكاي خەۋەرلىرى» گە قىلغان سۆزىدە «خىتايدىكى ئاكا-سىڭىللىرى» نىڭ ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئىزچىل قوللىغۇچىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «ئۇلار شۇ جايدىكى تۇتقۇنلار لاگېرلىرىدا ياتماقتا ۋە كۆڭۈل ئىلىشقۇدەك ناھەقسىزلىككە ئۇچرىماقتا،» دېگەن.

ئۇ يەنە «ماڭا نىسبەتەن مەن پەقەت ئۆزۈم بىلگەن ھەقىقەتنى سۆزلىدىم. بەزىدە مەن خاتالىشىشىم مۇمكىن، ئەمما بۇ مەسىلىدە مەن قەتئىي خاتالاشمىغانلىقىمنى بىلىمەن،» دېگەن.

سونىي بىل ۋىليامس ئۆتكەن قېتىم مەسئۇت ئۆزىلنى قوللىغاندا خىتاينىڭ يېڭى زېلاندىيەدىكى ئەلچىخانىسى ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە «ساختا خەۋەرلەر» نىڭ ئازدۇرۇشىغا ئۇچراپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. لېكىن سونىي بىل ۋىليامس «سكاي خەۋەرلىرى» دە مۇنداق دېگەن: «مەيلى كىشىلەرنىڭ چەتكە قېقىشىغا ئۇچراڭ ياكى ئۇچرىماڭ، بەزىدە سىزنىڭ ھەقىقەتنى سۆزلىشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ. . . مەن دائىم ئۆزۈم ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى توغرا دەپ ھېس قىلغان نەرسىلەر ئۈچۈن دەس تۇرۇپ كەلدىم. بۇ دائىم شۇنداق بولۇپ كەلدى.»

گېرمانىيەلىك پۇتبول چولپىنى مەسئۇت ئۆزىل ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇرلارنى قوللىغاندىن كېيىن خىتاي ئۇنىڭغا قارىتا بەزى ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك تەدبىرلىرىنى قوللانغان ئىدى. لېكىن سونىي ۋىلياماس «سىكاي خەۋەرلىرى» گە ئۆزىنىڭ بۇنداق تەھدىتلەردىن قورقۇپ قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بىر تەنتەربىيەچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ خىل ۋەزىيەتكە مەن يېتەرلىك ئاۋاز چىقىرالمىدىم دېيىشتىن خىجالەت بولىدىغان بولدۇم.»

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت