كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى «تىبەت ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى مىللىي توقۇنۇشلار ھەم قارشىلىقلار» ناملىق يېڭى كىتابنى نەشىر قىلغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016-12-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يېقىندا كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى «تىبەت ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى مىللىي توقۇنۇشلار ھەم قارشىلىقلار» ناملىق يېڭى كىتابنى نەشىر قىلغان.

بۇ خىتاينىڭ ئەڭ سەزگۈر نۇقتىسى بولغان تىبەت بىلەن ئۇيغۇر ئېلى مەسىلىسى بويىچە خەلقئارا ئىلىم ساھەسىدە يورۇق كۆرگەن ئەڭ يېڭى كىتابلارنىڭ بىرى ئىكەن.

مەزكۇر كىتاب ئاۋسترالىيە دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى بېن ھىلمان بىلەن كومۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىبەتشۇناسلىق پروفېسسورى گرېي تۇتتېلنىڭ ھەمكارلىقىدا يېزىلغان ئىكەن.

مەزكۇر كىتابتا خىتاينىڭ غەربىي قىسمىدىكى تىبەت ئاپتونوم رايونى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 1950-يىللاردىن بۇيانقى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تارىخى يورۇتىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا نۇقتىلىق ھالدا بۇ ئىككى رايوندىكى مىللىي توقۇنۇشلار بىلەن قارشىلىقلارنىڭ توختىماسلىقىدىكى سەۋەبلەر، ئارقا كۆرۈنۈشلەر ھەمدە خىتاينىڭ بۇ تىنجىماس زېمىنغا قاراتقان ئىدارە قىلىش ئىستېراتېگىيەسى ئانالىز قىلىنغان.

كۆزەتكۈچىلەر بىلەن ئىلىم ساھەسىدىكىلەر، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خەلقئارا ئىلىم ساھەسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا بولغان قىزىقىشىنىڭ جىددىي رەۋىشتە كۈچىيىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا بەزى ساھەلەردە تىبەتكە قارىغاندا خىتايدىكى تېخىمۇ سەزگۈر نۇقتا بولۇپ قالغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت