كۇبا رەھبىرى يەنىلا ئۆزلىرىنىڭ ئۆز سىياسىي تۈزۈمىدە ماڭىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2014-12-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن كۇبا ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى ياخشىلاش ھەققىدىكى بىلدۈرۈشلەر مەيدانغا چىققاندىن كېيىن ئېچىلغان كۇبا پارلامېنتىنىڭ يىغىنىدا سۆز قىلغان كۇبا پرېزىدېنتى رائۇل كاسترو ئامېرىكا بىلەن بولغان دىپلوماتىيەلىك مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇئۇرۇشقا رازى بولسىمۇ، ئەمما كۇبانىڭ ئۆز سىياسىي تۈزۈمىنى ئۆزگەرتمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئانالىزىدا ئېيتىلىشىچە، رائۇل كاسترو سۆزىدە كۇبا يەنىلا ئۆزىنىڭ كوممۇنىزم يولى ۋە كوممۇنىزم غايىسىنىدا قەتىي داۋاملاشتۇرىدۇ دەپ ئەسكەرتكەن.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبام ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا بىلەن كۇبانىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

كاسترو ئامېرىكىنىڭ كۇبا بىلەن بولغان دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتىنى نورماللاشتۇرۇش تەشەببۇسىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرسىمۇ، ئەمما ئامېرىكىنىڭ كۇباغا قاراتقان ئۇزۇن مەزگىللىك سودا - ئىقتىسادىي قامال سىياسىتىنى بىكار قىلىشى، چۈنكى كۇبا ئىقتىسادىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك قىيىن يولنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەر تەھلىللىرىدە ئېيتىلىشىچە، 2015 - يىكى، 4 - ئايدا پانامادا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرى باشلىقلىرى يىغىنىغا ئوباما ۋە كاسترومۇ قاتناشماقچى ئىكەن، بەلكى شۇ يەردە كاسترو بىلەن ئوباما ئارىسىدا رەسمىي ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈلۈشى مۇمكىن ئىكەن.

كۇبا بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتى 1960 - يىلىدىن تارتىپ توڭلىتىلغان بولۇپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى كۇبانى ئامېرىكىغا قارشى يادرو قوراللىرى سېپى قىلغان، كۇبا رەھبىرى فېدىل كاسترو موسكۋا ۋە بېيجىڭنىڭ ئەڭ يېقىن دوستىغا ئايلانغان ئىدى.

ئامېرىكا 1960 - يىللاردىن باشلاپ كۇباغا قارىتا سودا - ئىقتىسادىي ئىمبارگو قوللىنىپ كەلگەن بولۇپ، كۇبا ئىقتىسادىي قىيىن ئەھۋالغا چۈشكەن ئىدى.

تولۇق بەت