دالاي لامانىڭ گلاستونبۇرى سەپىرى خىتاينى يەنە بىئارام قىلغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2015-06-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لاما يەكشەنبە كۈنى ئەنگلىيەنىڭ جەنۇبىدىكى گلاستونبۇرى بازىرىدا سۆز قىلىپ ئۆزىنىڭ «يەر يۈزىنى ئىنسانىي سۆيگۈگە تولدۇرۇش» تىلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ دالاي لامانىڭ يېقىندا دارامسالادا ئۆتكۈزۈلگەن 80 ياشقا كىرگەنلىكىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم تاراتقۇلاردا قايتا كۆرۈنۈشى ئىكەن.

ئۇ گلاستونبۇرىدىكى ئاممىۋى يىغىلىشتا سۆز قىلىپ: «ھەر بىر ئىنساننىڭ بەختلىك ھاياتقا ئېرىشىش ھوقۇقى بار، مەن بارلىق ئىنسانلارنىڭ خۇشال-خۇرام دۇنيا بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئەستايىدىللىق بىلەن ئويلىنىپ كۆرۈشىنى تەۋسىيە قىلىمەن،» دېگەن.

ئۇ يەكشەنبە كۈنى لوندوندىكى خېسروۋ خەلقئارا ئايرودرومىغا يېتىپ بارغاندا يەنە سۆز قىلىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان قانلىق ۋەقەلەردىن، بولۇپمۇ يېقىندا تۇنىستا يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىقتىن قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ: «ئىنساننىڭ ئىنساننى ئۆلتۈرۈشى ئەڭ يامان ئىش، دۇنيادىكى بارلىق دىنلارنىڭ ئەنئەنىسى ئەمەلىيەتتە ئىنسانلارغا مۇھەببەت، رەھىمدىللىق ۋە سەۋرچانلىقنى تەرغىب قىلىدۇ،» دېگەن.

خىتاي دائىرىلىرى دالاي لامانىڭ گلاستونبۇرى سەپىرىدىن قاتتىق بىئارام بولۇپ، ئەنگلىيەدىكى مەزكۇر پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچى ئورۇنلارغا نارازىلىق بىلدۈرگەن. خىتاي تەرەپ ئۆزىنىڭ نارازىلىق باياناتىدا: «ئۇلار دالاي لامانىڭ بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتىگە سەھنە ھازىرلاپ بەردى» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت