خىتاي ھىندىستاننى دالاي لامانىڭ ھىندىستان-تىبەت چېگراسىنى زىيارەت قىلىشىغا قارشى ئاگاھلاندۇردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016-10-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتى جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ھىندىستاننىڭ تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لامانى تىبەت-ھىندىستان چېگراسىدىكى ئارۇناچال پرادېش شتاتىنى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، بۇنىڭ ھىندىستان-خىتاي مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. خىتاي جەنۇبىي تىبەت، دەپ ئاتايدىغان ئارۇناچال پرادېش شتاتىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم زېمىنىدا ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى داۋا قىلىپ كەلگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دالاي لامانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ياردەمچىسى يېقىندا بۇ يىل 80 ياشلىق تىبەت روھانىي داھىيسىنىڭ ئارۇناچال پرادېش شتاتىنىڭ باش مىنىستىرىنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر شتاتنى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

لېكىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى لۇ كاڭ، «بىز ھىندىستاننىڭ خىتاي-ھىندىستان چېگراسىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتمەسلىكىنى، دالاي گۇرۇھىنىڭ خىتايغا قارشى بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە سورۇن ھازىرلاپ بەرمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن.

بۇنىڭدىن بىر كۈن ئاۋۋال، ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دالاي لامانىڭ ھىندىستاننىڭ ھەرقانداق پارچىسىنى زىيارەت قىلىش ئەركىنلىكى بارلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، «دالاي لاما ھۆرمەتكە سازاۋەر روھانىي شەخس، ھىندىستاننىڭ شەرەپلىك مېھمىنى. ئەلۋەتتە ئۇ ھىندىستاننىڭ ھەرقانداق پارچىسىنى زىيارەت قىلىش ئەركىنلىكىگە ئىگە» دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.

ھىندىستان-خىتاي چېگرا ئىختىلاپى 1962‏-يىلىدىكى چېگرا توقۇنۇشىنى پەيدا قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت