جۇ ۋېيچۈن 14 - دالاي لامانىڭ دالاي لامالىققا خاتىمە بېرىش ھوقۇقى يوق، دېدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2014-12-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى مىللىي - دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ باشلىقى جۇ ۋېيچۈن، دالاي لامانىڭ دالاي لامالىققا ۋارىسلىق قىلىش ئەنئەنىسىنى بىكار قىلىش ھوقۇقى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن. تىبەت روھانىي داھىيسى 14 - دالاي لاما يېقىندا ئۆزىنىڭ ئاخىرقى دالاي لاما بولۇپ قالىدىغانلىقى، ئۆزىدىن كېيىن لاما دىنىدىكى ۋارىسلىق ئەنئەنىسىگە خاتىمە بېرىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

لېكىن، ئۇنىڭ سۆزى ئىزچىل دىنسىزلىقنى تەرغىب قىلىپ كېلىۋاتقان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.

جۇ ۋېيچۈن جۈمە خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» گە قىلغان سۆزىدە، «دالاي لامالىققا ۋارىسلىق قىلىش ساقلاپ قىلىنامدۇ، ئەمەلدىن قالدۇرۇلامدۇ، بۇنى پەقەت مەركىزى ھۆكۈمەت قارار قىلىدۇ. 14 - دالاي لامانىڭ دېگىنى ئاخىرقى قارار ھېسابلانمايدۇ» دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2000 - يىلدىن بۇيان دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى بىلەن 10 قېتىمدەك سۆھبەت ئېلىپ باردى. جۇ ۋېيچۈن بۇرۇن مەركىزى كومىتېت بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى سۈپىتىدە بۇ سۆھبەتكە قاتناشقان.

بىراق، سۆھبەتنىڭ ھېچقانداق نەتىجىسى بولمىغان. جۇ ۋېيچۈن ئۆزىنىڭ تىبەت مەسىلىسىدىكى قاتتىق قول مەيدانى بىلەن تونۇشلۇق. ئۇ، بۇ يىل 2 - ئايدا ئېلان قىلغان بىر ماقالىسىدە، ۋاقىت بىزنىڭ تەرىپىمىزدە، غەرب ئاخىرى جۇڭگونىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت