خىتاي دالاي لاما سەۋەبلىك نورۋېگىيەگە يەنە نارازىلىق بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013-12-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لامانىڭ كېلەر يىلى نورۋېگىيەگە قىلىدىغان زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن يەنە نارازىلىق بىلدۈردى.

نورۋېگىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى نوبېل كومىتېتىنىڭ 3 يىل ئاۋۋال ئۆكتىچى زات ليۇ شاۋبوغا «2010‏-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» نى لايىق كۆرۈشى بىلەن بىر قېتىم جىددىيلىشىپ كەتكەن.

بۇ نۆۋەت، خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ دالاي لامانىڭ زىيارىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، جۇڭگو ھەرقانداق دۆلەتنىڭ دالاي لامانى كۈتۈۋېلىشىغا قارشى تۇرىدۇ، دېگەن.

ئۇ يەنە، جۇڭگو باشقا دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ دالاي لاما بىلەن ھەرقانداق شەكىلدىكى رەسمىي ئۇچۇرۇشۇشىغا قارشى تۇرىدۇ، دەپ كۆرسىتىپ، نورۋېگىيەنى خىتاينىڭ نېگىزلىك مەنپەئىتىگە ھۆرمەت قىلىشقا ئۈندىگەن.

نوبېل كومىتېتىنىڭ كاتىپى گېئىر لۇندېستادنىڭ رويتېرس ئاگېنتلىقىغا ئاشكارىلىشىچە، دالاي لاما كېلەر يىلى 5‏-ئايدا يەرلىك بۇددىست تەشكىلاتلارنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن نورۋېگىيەنى زىيارەت قىلىدىكەن.

خىتاي نورۋېگىيەگە نارازىلىق بىلدۈرۈشتىن بىر كۈن ئاۋۋال، گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ تىبەتلەر ئولتۇرۇشلۇق ئامچوك بازىرىدا يەنە بىر ياش تىبەت راھىب ئۆزىگە ئوت قويۇپ ئۆلۈۋالغان.

ئۇ يېزىپ قالدۇرغان ۋەسىيىتىدە،«باسقۇنچىلار بايلىقىمىزنى، تىنچلىق ۋە خۇشاللىقىمىزنى تارتىۋالدى» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت