ياڭ جيەنلى باشچىلىقىدىكى «پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىللىرى دارامسالاغا بېرىپ دالاي لامانىڭ 80 ياشقا كىرگەنلىكىنى تەبرىكلىگەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2015-06-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


خىتايچە «پۇقرالار مۇھاكىمىسى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، «پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتىنىڭ ياڭ جيەنلى باشچىلىقىدىكى 3 نەپەر ۋەكىلى دارامسالاغا بېرىپ، دالاي لامانىڭ 80 ياشقا كىرگەنلىكىنى تەبرىكلىگەن.

مەلۇمكى، تىبەتلەرنىڭ روھانى داھىيسى دالاي لامانىڭ 80 ياشقا تولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 21 - ئىيۇن كۈنى تىبەت مەمۇرىي مەركىزى دارامسالادا زور تىپتىكى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن.

دالاي لامانىڭ تۇغۇلغان كۈنى تىبەت كالىندارى بويىچە 5 - ئاينىڭ 5 - كۈنى بولۇپ، مىلادىيە كالىندارى بويىچە 6 - ئاينىڭ 21 - كۈنىگە توغرا كېلىدىكەن.

دارامسالادىكى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە ھەرقايسى ئەل ۋە خەلقئارادىكى ئاممىۋىي تەشكىلاتلاردىن بولۇپ نۇرغۇن كىشى قاتناشقان. تىبەت مەمۇرىي مەركىزىنىڭ باش مىنىستىرى لوبساڭ سۆز قىلىپ، دالاي لامانىڭ 80 ياشقا تولغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىگەن ھەمدە ھەرقايسى ئەللەردىن كەلگەن مېھمانلارغا تەشەككۈر بىلدۈرگەن.

تەبرىكلەش پائالىيىتى جەريانىدا تىبەتلەرنىڭ ناخشا - ئۇسسۇل نومۇرلىرى كۆرسىتىلگەن. سەھنە كۆرۈنۈشىگە لاسادىكى بودالا سارىيىنىڭ چوڭايتىلغان رەسىمى چۈشۈرۈلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت