ئامېرىكادىكى ئەمگەك ھەقلىرى تەشكىلاتى: «خەلقئارا داڭلىق ماركىلار شىنجاڭدا بولۇۋاتقان ئىشلاردا ئۆزىنى ئاقلىيالمايدۇ»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-06-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكادىكى «ئىشچىلار ھوقۇقى بىرلەشمىسى» ناملىق ئەمگەك ھەقلىرى تەشكىلاتى ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق خەلقئارا داڭلىق ماركىلارنىڭ «شىنجاڭدىكى ئىشلار دا ئۆزىنى ئاقلىيالمايدىغانلىقى»، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ئۇلارنىڭ قولىنى بۇ ئىشتىن تارتىشى ئۈچۈن ياخشى پۇرسەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەھبىرى سكوت نوۋانىڭ تەكىتلىشىچە، «نۆۋەتتە خەلقئارا داڭلىق ماركىلار قىيىن ئەھۋالدا» ئىكەن. ئۇ بۇ شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا بولۇۋاتقان ئىشلارنى ئاقلىيامايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «چۈنكى ئۇلار شىنجاڭدا مۇۋاپىق نازارەت ئېلىپ بارالمايدۇ. ھەتتا ئۇلارنىڭ بۇ يەردىكىلەرنى قوغدايدىغان بىر مېخانىزىمىمۇ يوق،» دېگەن.

ئۇ بۇ سۆزلەرنى «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا تەكىتلىگەن. مەزكۇر گېزىتنىڭ 15-ئىيۇن كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىدە ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە خەلقئارا ئەمگەك ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى ئىنكاسىغا يەر بېرىلگەن. خەۋەردە نۆۋەتتە ئۇيغۇرنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدىكى يەنە بىر قانۇن لايىھەسىنىڭ ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىغا سۇنۇلغانلىقى، بۇ قانۇن لايىھىسىدە خوڭكوڭدىكى شىنجاڭدا زاۋۇت قۇرغان ئېسكۇل توقۇمىچىلىق گۇرۇھى ۋە ئۇنىڭ كالۋېن كلياىن، نايك، ئېسپىرىت، تومىي خېلفىنگېر قاتارلىق ماركىلارنى مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

سكوت نوۋانىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە خەلقئارا داڭلىق ماركىلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنى بىكار قىلىشقا كۈچى يېتىدىكەن. ئۇ خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان سودا ئۇرۇشى، كورونا يۇقۇمى تۈپەيلى چەتئەل مەبلىغىنىڭ چىقىپ كېتىشنى خالىمايدىغانلىقى، «ئەگەر بۇ داڭلىق ماركىلار چېكىنىپ چىقسا تۈپ ئۆزگىرىشكە تۈرتكە بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقى» نى تەكىتلىگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئۇلارنىڭ ئاكتىپ بىر ئازاد قىلغۇچى بولۇشىنىڭ ھاجىتى يوق. ئۇلار پەقەت مەبلەغنى توختىتىپ، خىتايغا ياردەم قىلمىسا ۋە يانتاياق بولمىسىلا بولدى،» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت