15 دۆلەت ۋە بىر خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ جەنۋەدە تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى ئۇيغۇر دىيارىدا زىيارەتتە بولغان

مۇخبىرىمىز سادا
2019-06-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئالجىرىيە، لائوس، نىگېرىيە، سومالى، تاجىكىستان ۋە دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق 15 دۆلەت ۋە بىر تەشكىلاتتىن تەشكىللەنگەن ۋەكىللەر ئۆمىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئۈرۈمچى، قەشقەر ۋە خوتەن قاتارلىق جايلىرىنى زىيارەت قىلغان. ئۇلار بۇ جەرياندا قەشقەردىكى «ھېيتگاھ» جامەسىنى ۋە خوتەندىكى ئاتالمىش «تېخنىكا تەربىيە مەكتەپلىرى» نى نۇقتىلىق زىيارەت قىلغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 26-ئىيۇندىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇلار ئالدى بىلەن قاراقاش ناھىيەسىدىكى «خوتەن قەغىزى» ياساش فابرىكىسى ۋە قەشقەر «ھېيتگاھ» جامەسىگە زىيارەتكە بارغان. «ھېيتگاھ» جامەسىنىڭ ئىمامى مەمەت جۈمە (‹ھېيتگاھ› جامەسىنىڭ ئىلگىرىكى پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىمامى جۈمە تاھىرنىڭ ئوغلى) خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جامەنى ياخشى «قوغدىغان» دىن باشقا يەنە جامە ئىچىگە «كۇتۇپخانا»، «مۇنچا» ھەمدە «قېرى، ئاجىز ۋە مېيىپلەرنىڭ مەخسۇس ئورۇندۇقى» قاتارلىق «ئىلغار ئەسلىھەلەر» نىڭ ئورنىتىپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. 15 دۆلەت ۋە بىر خەلقئارالىق تەشكىلاتنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى تاراتقۇلارغا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە رايوندىكى باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ ياخشى «قوغدىلىۋاتقانلىقى» نى تولۇق ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، خىتاي خادىملار ۋەكىللەر ئۆمىكىگە ئىلگىرى چەتئەلدىكى «ئۈچ خىل كۈچ» سەۋەبلىك رايوندا «تېررورلۇق ھۇجۇم» لىرىنىڭ كۆپلەپ يۈز بەرگەنلىكى، لېكىن ھۆكۈمەت «تېررورلۇققا قارشى كۈرەش» نى يولغا قويغاندىن كېيىن، بۇ خىلدىكى ۋەقەلەرنىڭ كۆرۈنەرلىك ئازايغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن. ۋەكىللەر ئۆمىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ «تىرىشچانلىق» لىرىغا يۇقىرى باھا بېرىش بىلەن بىرگە بۇ خىل «كۈرەش» نى ئۆز دۆلىتىگە تەدبىقلايدىغانلىقى ھەققىدىمۇ ئىپادە قىلغان.

خەۋەردە يەنە 15 دۆلەتتىن كەلگەن ۋەكىللەر ئۆمىكى قەشقەر ۋە خوتەندىكى ئاتالمىش «تېخنىكا تەربىيە مەركەزلىرى» نى زىيارەت قىلغان ۋاقتىدا خىتاي تونۇشتۇرغۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق جايلارنى بەرپا قىلىشى رايوندىكى «تېررورلۇق ئىدىيەسى» بىلەن «يۇقۇملانغان» كىشىلەرنى توغرا يولغا باشلاپ، «قايتىدىن جەمئىيەتكە قايتۇرۇپ كېلىش» تە مۇھىم «رول ئوينىغانلىقى» نى مەدھىيلىگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.

بىر نەچچە كۈن ئاۋۋال ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە ساختا ئۇچۇر بەرگۈچىلەر ئۈچۈن سەھنە ھازىرلاپ بەرگەنلىكىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ئىدى. ئەمدىلىكتە خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە 15 دۆلەتنىڭ دىپلوماتلىرى ۋە دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىللىرىنى ئۇيغۇر دىيارىدا زىيارەت قىلدۇرۇشى دىققەت قوزغىدى.

كۆزەتكۈچىلەر بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نومۇسسىزلارچە قىلىۋاتقان تەتۈر تەشۋىقاتىنىڭ تىپىك بىر مىسالى، دەپ كۆرسەتمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت