خىتاي، دېھقانلارنىڭ يەرگە بولغان ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنى قوغداشنى تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2013-02-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 19-فېۋرالدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى 16-فېۋرال كۈنى جايلارغا ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، دېھقانلاردىن سېتىۋېلىنىدىغان ئاشلىقنىڭ تەننەرخىگە مۇۋاپىق باھا قوشۇپ بېرىشنى، دېھقانلارنىڭ يەرگە بولغان ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى قاتارلىقلارنى قوغداشنى تەلەپ قىلغان.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئۇقتۇرۇشتا ئاشلىق مەھسۇلاتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، دېھقانلاردىن سېتىۋېلىنىدىغان ئاشلىقنىڭ تەننەرخىگە قاراپ مۇۋاپىق پايدا قوشۇپ بېرىش؛ يەر باشقۇرۇش قانۇنىغا ئاساسەن، دېھقانلارنىڭ ھۆددىگە ئالغان تېرىلغۇ يەرلىرىگە بولغان ئىگىدارچىلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش؛ شىركەتلەرگە سېتىپ بېرىلگەن يەرلەر ئۈچۈن دېھقانلارغا بېرىشكە تېگىشلىك تۆلەم پۇلىنى چوقۇم ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىقلار تەكىتلىنىپ، دېھقانلارنىڭ يەرگە بولغان ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى ۋە باشقا ھوقۇقلىرىنى قوغداش تەلەپ قىلىنغان.

خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەر بۇ ھەقتە توختىلىپ، يېقىنقى 30 يىلدىن بۇيان خىتايدا سانائەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، دېھقانلارنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنىڭ سانائەت شىركەتلىرى ۋە ئۆي-مۈلۈك شىركەتلىرى تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىنىش، مۇۋاپىق تۆلەمگە ئېرىشەلمىگەن دېھقانلارنىڭ بارغانچە كۆپىيىشى سەۋەبىدىن دېھقانلارنىڭ نارازىلىقى بارغانچە كۈچىيىشىدەك يۈزلىنىش خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان مۇھىم ئامىللار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت