ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2017-يىللىق «خەلقئارا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى دوكلاتى» نى ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-05-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى 2017-يىللىق «خەلقئارا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى دوكلاتى» نى ئېلان قىلىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ ئىجرا بولۇش ئەھۋالىنى باھالاپ چىقتى. مەزكۇر دوكلات ۋاقىت جەھەتتە 2017-يىلى 1-يانۋاردىن 2017-يىلى 31-دېكابىرغىچە بولغان مەزگىلدىكى ئەھۋاللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

دوكلاتتا دۇنيادىكى دۆلەتلەر دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۈچ گۇرۇپپىغا ئايرىلغان بولۇپ، خىتاي بۇ قېتىممۇ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ ئىجرا بولۇشىدىكى ئەڭ ئەندىشىلىك دۆلەتلەر قاتارىدىكى بىرىنچى گۇرۇپپىغا تىزىلغان.

مەزكۇر دوكلاتنىڭ خىتايغا ئائىت بۆلىكى ئومۇمى دوكلاتنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، خىتاي ئاساسىي قانۇنىنىڭ ئۆز پۇقرالىرىغا ۋەدە قىلغان دىنىي ئېتىقاد ھەقلىرىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە بولۇۋاتقانلىقى، ھۆكۈمەتنىڭ ئىزچىل تۈردە پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ھەقلىرىنى چەكلەش ۋە كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقانلىقى، شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىىتىنىڭ بۇ ھەقلەرنى «دۆلەت ۋە خىتاي كومپارتىيەسى ئۈچۈن تەھدىت» دەپ قاراپ كەلگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ.

دوكلاتتا يەنە نۇقتىلىق قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۈچ خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش» نامىدا ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى باستۇرۇشنى داۋام قىلىۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» بار تۇرۇقلۇقمۇ ئۇيغۇرلار دىيارىدا 2017-يىلى 1-ئاپرېلدا «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش نىزامى» نى ماقۇللاپ، بۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى باستۇرۇشنىڭ ئاساسى قىلىۋالغانلىقى شەرھلىنىدۇ. شۇ قاتاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى دىنىي پائالىيەتلەردىن قەتئىي چەكلەۋاتقانلىقى، دىنىي ئېتىقاد مەسىلىسىگە چېتىلىپ، نەچچە يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ «تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى لاگېرلارغا قامالغانلىقى، چەتئەللەردە دىنىي بىلىم ئېلىۋاتقان نەچچە يۈزلىگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەجبۇرىي يوسۇندا قايتۇرۇپ كېلىنىپ، قولغا ئېلىنغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.

دوكلاتنىڭ ئاخىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل يولسىز قىلمىشىدىن ئۆزلىرىنىڭ تولىمۇ ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆزىنىڭ ئاساسىي قانۇنى ۋە ئۆزى ئىمزا قويغان خەلقئارالىق ئەھدىنامىلەرگە رىئايە قىلىشقا جىددىي چاقىرىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت