خىتاي دائىرىلىرى يەنە بىر تۈركۈم دىنىي زاتلارنى «سىياسىي تەربىيەلەش كۇرسى» غا يىغىۋالغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-06-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي دائىرىلىرى پەيشەنبە كۈنى ئۈرۈمچىدە «تەربىيەلەش كۇرسى» ئېچىپ، يەنە بىر تۈركۈم دىنىي زاتلارغا سىياسىي تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان.

دائىرىلەر بۇ قېتىمقى كۇرستا قانچىلىك دىنىي زاتنىڭ يىغىۋېلىنىپ تەربىيىلىنىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ بۇ يىل ئىچىدە ئېچىلغان 2‏-نۆۋەتلىك كۇرس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە ئاشكارىلىشىچە، بۇ كۇرسنىڭ مەقسىتى دىنىي زاتلارنى شى جىنپىڭنىڭ «يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئىدىيەسى»، پارتىيە 19‏-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىي، خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى باش نىشانى بويىچە تەربىيەلەپ، ئۇلارنىڭ «ھەرىكىتى بىلەن ئىدىيەسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تۆھپە قوشۇشى» نى ئىشقا ئاشۇرۇشكەن.

دىنىي زاتلارنىڭ مەزكۇر كۇرسى خىتاي مەركىزى كومىتېتىنىڭ بۇ يىل 4‏-ئايدا تارقاتقان ئىسلام دىنىنى چەكلەش ھەققىدىكى بىر مەخپىي ھۆججىتى ئاشكارىلانغان كۈنى باشلانغان. خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ مەخپىي ھۆججىتىدە مەسچىتلەرنىڭ قۇرۇلۇشىنى شەرق قۇرۇلۇش شەكلىگە ئۆزگەرتىش، ئەرەب تىلىنى چەكلەش، چەتئەلدە دىن ئوقۇۋاتقان مۇسۇلمانلارنى كونترول قىلىش، دىنىي كىيىم-كېچەك، دىنىي بۇيۇم، دىنىي مۇراسىم، دىنىي تەبلىغ، ئىسلامىي ئىدىيەلەردە غەيرىي خىتايلىشىشقا قارشى تۇرۇش، ئىسلامىي سەرمايىنى چەكلەش قاتارلىقلار تەكىتلەنگەن ئىدى.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ تەكىتلىشىچە، كۇرسنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا دائىرىلەر دىنىي زاتلارنى تەربىيەلەش «دىننى سوتسىيالىزم بىلەن ماسلىشىشقا يېتەكلەش، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا ئالاقىسى ۋە قوشۇلۇپ كېتىشىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى» دەپ كۆرسەتكەن. لېكىن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ دىنىي زاتلارغا يۇقىرىقى سىياسىي تەربىيەلەرنى ئېلىپ بېرىشتىكى مەقسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى تېزرەك ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئىكەن.»

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت