ئۇيغۇر رايونىدىكى «دىنىي زاتلار» ئامېرىكانىڭ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» گە قارشى چىقتى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-12-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىدارە-جەمئىيەت ۋە تاراتقۇلارنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ 3‏-دېكابىر كۈنى ماقۇللانغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» گە قارشى تەشۋىقات ھۇجۇمىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە بۇ تەشۋىقات ھۇجۇمىغا رايوندىكى «دىنىي زاتلار» قېتىلغان. 9‏-دېكابىر كۈنى «شىنجاڭ ئىسلام جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى، «شىنجاڭ ئىسلام ئىنستىتۇتى» نىڭ مۇدىرى ئابدۇرېقىپ تۇنىياز، «شىنجاڭ ئىسلام جەمئىيىتى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئۈرۈمچى ئاق مەسچىتنىڭ ئىمامى ئابدۇشۈكۈر رەھمىتۇللا، ئاقسۇنىڭ ئونسۇ ناھىيەسىگە قاراشلىق تۆۋەنكى جام مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئەخمەت ئوسمان، يەكەن ئالتۇنلۇق مەسچىتىنىڭ خاتىپى ئابدۇۋەلى ئابلىمىت، توقۇزتارا ناھىيەلىك ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جىرغىلاڭ مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئەسبىدىن سەمەت، قاراقاش ناھىيە بازىرىدىكى چىنىباغ مەسچىتىنىڭ ئىمامى مەمەت مەمتىمىن قاتارلىقلار بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكانى تەنقىدلىگەن.

ئۇلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نى ماقۇللاپ، «خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغان ۋە خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشماقتا» ئىكەن. ئابدۇرېقىپ تۇنىياز شىنخۇا ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا لاگېرلارنى ئاقلاپ، «شىنجاڭ قانۇنغا ئاساسەن كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرىنى قۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىدىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالدى» دېگەن. ئابدۇشۈكۈر رەھمىتۇللا بولسا «شىنجاڭ مەسىلىسى» نىڭ دىنىي مەسىلە، مىللىي مەسىلە ياكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئەمەسلىكىنى، بۇنىڭ «بىر زوراۋان تېررورلۇققا ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش مەسىلىسى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. يەكەن ئالتۇنلۇق مەسچىتىنىڭ خاتىپى ئابدۇۋەلى ئابلىمىتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نامىدىكى بۇ ئورۇنلار «ياتاقلىق مەكتەپ بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار رۇخسەت سوراپ ئۆيىگە قايتالايدىكەن، شۇنداقلا تېلېفوندا سۆزلىشەلەيدىكەن».

نۆۋەتتە، يۇقىرىقى «دىنىي زاتلار» نىڭ باياناتلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئوخشاش سۆز ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا. ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ 3‏-دېكابىر ماقۇللانغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» دە 2 مىليوندەك مۇسۇلماننى لاگېرلارغا قاماپ، ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى خورلاۋاتقان چېن چۈئەنگو باشچىلىقىدىكى خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جاۋابكارلىققا تارتىش تەلەپ قىلىنغانىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت