»دىپلومات «ژۇرنىلى: «ئەردوغان خىتاي بىلەن ناھايىتى چوڭ قىمارغا كىرىشتى»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-10-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا تاشقى سىياسەت كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئېلان بېرمان7‏-ئۆكتەبىر كۈنى «دىپلومات» ژۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، تۈركىيە پرېزىدېنتى ئەردوغاننىڭ خىتاي بىلەن ناھايىتى چوڭ بىر قىمارغا كىرىشكەنلىكى، بۇنىڭ تۈركىيەنى خىتاينىڭ ئوربېتىسىغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئېلان بېرمان «ئەردوغاننىڭ خىتاي بىلەن بولغان قىمارى» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە قەيت قىلىشىچە، نۆۋەتتە ئەردوغان ئۆزىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى سىياسىي ئورنىنىڭ تەۋرەپ قىلىشى، ئىقتىسادى كرىزىس، NATO بىلەن بولغانS ‏-400تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپى، ئامېرىكانىڭ-35 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانىنى سېتىپ بېرىشنى توڭلىتىشى، ياۋروپا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ يىرىكلىشىشى، قانۇن، دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق مەسىلىلەردىكى ئىختىلاپى، سۈرىيە مەسىلىسى قاتارلىق ئامىللار ئۇنى خىتايغا، خىتاينىڭ «بىر يول بىر بەلۋاغ » قۇرۇلۇشىغا يۈزلىنىشكە مەجبۇر قىلماقتا ئىكەن.

ماقالىدە يېقىندىن بېرى تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادى ئالاقىسىنىڭ قويۇقلاشقانلىقى، خىتاينىڭ بۇ يىل يازدا تۈركىيەگە بىر مىليارد دوللار قەرز بېرىپ، ئۇنىڭ مىننەتدارلىقىغا ئېرىشكەنلىكى شۇنداقلا خىتاينىڭ تۈركىيە ئېنېرگىيە ساھەسىگە 3 مىليارد 600 مىليون دوللار قەرز بېرىپ، زىيان ئىچىدىكى بەزى تۈركىيە بانكىلىرىنى سېتىۋېلىش يولىنى ئاچقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئېلان بېرماننىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى چوڭقۇر ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى سىياسەتتىكى چوڭ ئۆزگىرىشىنى ئىپادىلەيدىكەن. ئېلان بېرمان تۈركىيەنىڭ تېخى يېقىنقى ۋاقىتلارغا قەدەر خىتاي پۇلىنىڭ زىيانلىق تەرەپلىرىگە ھوشيارلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ھازىر خىتايغا يۆلىنىشنىڭ پايدىسىنى تەقىب قىلىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئاپتورنىڭ قارىشىچە، ئەنقەرەنىڭ مالىيەسى ئەردوغاننىڭ شۇئان تاشقى سىياسەت نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا يېتىشمەيدىكەن. شۇڭا ئۇ ئۆزىنىڭ ھاكىمىيەتتە قېلىشى ئۈچۈن قانچىلىك بەدەل تۆلىسە تۆلىسۇن، بېيجىڭنىڭ قەرز پۇلىنى ئېلىش قارارىغا كەلگەن. ئاپتور ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا «بۇنىڭ ئاقىۋىتى تۈركىيەنىڭ غەربتىن تېخىمۇ يىراقلىشىشنى، بېيجىڭنىڭ ئوربېتىسىغا تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ كىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ،» دەپ تەكىتلىگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت