«دېپلومات» ژۇرنىلى: «شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ھەققىدە دادىسىدىن ئۆگەنگەنلىرى ۋە ئۆگەنمىگەنلىرى»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-11-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

26-نويابىر كۈنى «دېپلومات» ژۇرنىلىدا «شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ھەققىدە دادىسىدىن ئۆگەنگەنلىرى ۋە ئۆگەنمىگەنلىرى» ماۋزۇلۇق بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىدە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرى بىلەن ئۇنىڭ دادىسى شى جوڭشۈن يۈرگۈزگەن سىياسەتلەر سېلىشتۇرۇلغان بولۇپ، ماقالىنى ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جوسېف تورىگىيان ئېلان قىلغان.

ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، شى جوڭشۈننىڭ ئۇيغۇر رايونىغا قاراتقان «يۇمشاق قوللۇق» سىياسەتلىرى ئۇنىڭ ئوغلى شى جىنپىڭنىڭ ھازىر يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىگە زىت كېلىدىكەن. ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «ئامېرىكادىكى كۇتۇپخانىلاردا مەۋجۇت بولغان بىر قىسىم تارىخىي ماتېرىياللارغا قارىغاندا، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭغا قارىتا مۆتىدىل سىياسەت تۇتقان ۋاقىتلىرى بولغان ۋە بۇ سىياسەتلەر ئاساسەن شى جىنپىڭنىڭ دادىسى شى جوڭشۈن تەرىپىدىن 1950-يىللاردا يۈرگۈزۈلگەن.»

ئاپتورنىڭ مۇلاھىزە قىلىشىچە، 1949-يىلىدىن كېيىن خىتاي كومپارتىيەسى غەربىي-شىمال بيۇروسىنىڭ ئىككىنچى سېكرېتارى بولغان شى جوڭشۈن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا قارىتىلغان سىياسەتلىرىدە مۆتىدىللىق تەرەپدارى بولغان. ئۇ 1952-يىلى خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن شىنجاڭنى ئىدارە قىلىۋاتقان ۋاڭ جېن ۋە دېڭ لىچۈن قاتارلىقلارنىڭ قاتتىق قول سىياسەتلىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىنى شىنجاڭدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغان.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، 1958-يىلى شى جوڭشۇن گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ ئاقساي قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنى زىيارەت قىلغاندا بۇ ناھىيەدە ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق زور تۇتقۇن ھەرىكىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان. ئۇ: «قانداقسىگە بىر ناھىيەدە شۇنچە كۆپ كىشى يامان نىيەتلىك بولۇپ قالىدۇ،» دەپ سوئال قويغان ئىكەن. بولۇپمۇ ئۇ خىتاي ئەمەلدارلارنىڭ يەرلىك مىللەتلەرنىڭ مىللىي كىيىملىرىنى «فېئوداللىق قالاقلىق» دەپ قارىشىنى تەنقىد قىلىپ: «ئاز سانلىق مىللەت ئاياللىرى ئۆزىنىڭ كۆينىكىنى كىيىپ ياغلىق چىگسە، ئەرلەر بۇرۇت ئۆستۈرسە، ئۇنى فېئوداللىق ئادەت دەپ قاراش مەنتىقىگە ئۇيغۇنمۇ؟» دەپ خاپا بولغان ئىكەن.

ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، شى جوڭشۈن تاكى 1987-يىلىنىڭ بېشىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر رايونىغا ئەۋەتىلگەن ۋاڭ ئېنماۋ قاتارلىق پارتكوم سېكرىتارلىرىغا «مۆتىدىل سىياسەت يۈرگۈزۈش، ئاز سانلىق مىللەرنىڭ دىنىي ۋە مىللىي ئالاھىدىلىكلىرىگە ھۆرمەت قىلىش، نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى يۇمشاق قوللۇق بىلەن ھەل قىلىش ھەققىدە» تەلىمات بېرىپ كەلگەن ئىكەن.

بىراق خۇ ياۋباڭنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارلىقىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى، تىبەت ۋە ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن بىر قاتار ۋەقەلەردىن كېيىن خىتاي كومپارتىيەسى شى جوڭشۈن ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى مۆتىدىل سىياسەتچىلەرنىڭ چېگرا رايونلارنى باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى «خاتالىق» دەپ قاراشقا باشلىغان. خىتاي كومپارتىيەسى بۇ ۋاقىتتا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى «يۇمشاق قوللۇق» بىلەن ئىدارە قىلىش تەدبىرى تېخىمۇ زور مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دېگەن يەكۈنگە كەلگەن.

ئاپتور جوسىف تورىگىياننىڭ ئەسكەرتىشىچە، شۇندىن كېيىن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا قاراتقان سىياسەتلىرى پەيدىنپەي رادىكاللىشىپ، بۈگۈنكىدەك يۇقىرى بېسىملىق ھالەتكە يېتىپ كەلگەن. ئاپتورنىڭ قارىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا قاراتقان ئىككى دەۋردىكى ئىككى خىل پەرقلىق سىياسىتىنىڭ ئىككى ئۇچىدا ئاتا-بالا «شى» فامىلىلىكلەرنىڭ بولۇشى دىققەت قوزغايدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت