كېڭەش پالاتا ئەزاسى دۇنيا بانكىسىدىن ئۇيغۇر رايونىدىكى «كەسپىي تەربىيەلەش پروگراممىسى» غا بېرىلگەن قەرزنى سۈرۈشتۈرگەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-12-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى چاك گرەسلىي دۇنيا بانكىسىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى «كەسپىي تەربىيەلەش پروگراممىسى» غا 50 مىليون دوللار قەرز بېرىش مەسىلىسىنى سۈرۈشتۈرگەن.

5-دېكابىر كۈنى «ھەپتە گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان خەۋەردىن قارىغاندا، ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى چاك گرەسلىي يېقىندا دۇنيا بانكىسى باشلىقى داۋىد مالپاسقا خەت يېزىپ ئەھۋالنى سۈرۈشتۈرگەن. ئۇ دۇنيا بانكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە قەرز بەرگەندە، بۇ قەرز پۇللىرىنىڭ ۋاسىتىلىك ياكى بىۋاسىتە ھالدا ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلىشقا قوللىنىلىشىدىن قاتتىق ئېھتىيات قىلىشى كېرەك» دەپ تەكىتلىگەن. ئۇ، دۇنيا بانكىسى 2015-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىكى «كەسپىي تەربىيەلەش پروگراممىسى» غا بەرگەن 50 مىليون دوللار قەرز پۇلنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسىگە چېتىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە «دۇنيا بانكىسى بۇنداق قەرزلەرنى بەرگەندە شىنجاڭدا يۈز بەرگەندەك ئىشنىڭ بولماسلىقى ئۈچۈن، پۇلنىڭ ئىشلىتىش ئورنىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش مەسئۇلىيىتى بار» دەپ تەكىتلىگەن.

كېڭەش پالاتا ئەزاسى چاك گرەسلىي مەكتۇپىدا يەنە، دۇنيا بانكىسى داۋىد مالپاستىن بۇ مەسىلە ئۈستىدە كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغان.

بۇ يىل 8-ئايدا، دۇنيا بانكىسىنىڭ خىتاي بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، 2015‏-يىلدىن بېرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى «خوتەن ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ئالىي تېخنىكومى»، «شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىسازلىق ئىنستىتۇتى» قاتارلىق 5 مەكتەپنىڭ «كەسپىي تەربىيەلەش پروگراممىسى» غا 50 مىليون دوللار قەرز بېرىپ كېلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلىنىپ، زور غۇلغۇلا قوزغىغان.

ئامېرىكانىڭ «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان خەۋەردە، ئۇلار ئارىسىدىكى بىر مەكتەپنىڭ بۇ پۇلغا «تىكەنلىك سىم، ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئېتىش ئەسۋابى ۋە قوغدىنىش سايمانلىرى» نى سېتىۋالغانلىقى ئاشكارىلانغان. ۋەقە ئامېرىكادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى.

نەتىجىدە ئالدىنقى ئاي دۇنيا بانكىسى بايانات ئېلان قىلىپ: «مەزكۇر پروگراممىغا ئالاقىدار مەكتەپلەرنىڭ تارقاقلىقى، ئۇلارنى نازارەت قىلىشنىڭ مۈشكۈللۈكى نەزەردە تۇتۇلۇپ، مەزكۇر پروگراممىنىڭ كۆلىمى ۋە دائىرىسى كىچىكلىتىلدى. بولۇپمۇ پروگراممىنىڭ شىنجاڭدىكى مەكتەپلەرگە چېتىشلىق ھەمكارلىق تۈرىگە خاتىمە بېرىلدى» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت