پرېزىدېنت ترامپ ئامېرىكانىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-05-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترۇمپ 29-ماي كۈنى ئاقسارايدا ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئامېرىكانىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلىدى. ترامپ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭنىڭ ئالاھىدە ئىمتىيازلىق ئورنىنى بىكار قىلغانلىقىغا ئىنكاس قايتۇردى.

پرېزىدېنت ترامپنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇنىڭ ھۆكۈمىتى يەنە خوڭكوڭدا دېموكراتىيىنىڭ بۇزغۇنچلىققا ئۇچرۇشىدا جاۋابكارلىقى بار خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزىدىكەن. ئۇ: «بىز بۈگۈن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىلەن بولغان مۇناسىۋېتىمىزنى ئاخىرلاشتۇرىمىز. ئۇنىڭغا بېرىپ كەلگەن مەبلەغنى دۇنيادىكى باشقا ئاممىۋى سەھىيە ساخاۋەت ئورگانلىرىغا بېرىمىز،» دېگەن.

پرېزىدېنت ترامپ ئۆتكەن ئايدا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىرىگە بىر ئايلىق مۆھلەت بېرىپ، ئەگەر جىددىي ئىسلاھات ئېلىپ بارمىسا ئۇنىڭغا پۇل بېرىشنى مەڭگۈلۈك توختىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. پرېزىدېنت ترامپ باياناتىدا دۇنيانىڭ خىتاينىڭ ناتوغرا ئىستىلى سەۋەبلىك ئازاب-ئوقۇبەت چېكىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ: خىتاي 100 مىڭدىن ئارتۇق ئامېرىكالىق ھاياتىدىن ئايرىلغان دۇنياۋى يۇقۇمنى كەلتۈرۈپ چىقاردى،» دېگەن.

ئۇ يەنە خىتاينىڭ خوڭكوڭغا مۇناسىۋەتلىك «دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى» نىڭ بىر «تراگېدىيە» ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكانىڭ خوڭكوڭنىڭ ئالاھىدە ئورنىنى تونىغان سودا ۋە ساياھەت جەھەتلەردىكى ئىمتىيازىنى بىكار قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ: «خىتاي ‹بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم› نىڭ ئورنىغا ‹بىر دۆلەتتە بىر خىل تۈزۈم» نى دەسسەتتى. بۇ خوڭكوڭ ئۈچۈن بىر تراگېدىيە،» دەپ كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئامېرىكا يەنە ئۆزىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە نىسبەتەن «يوشۇرۇن خەۋپى مەۋجۇت،» دەپ قارالغان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىگە چەك قويىدىكەن.

تولۇق بەت