د ئۇ ق بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكىگە سوئال قويدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2015-10-01
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

د ئۇ ق 30‏-ئۆكتەبىر كۈنى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي «شىنجاڭ» ئەلمىساقتىن تارتىپ جۇڭگونىڭ بىر قىسمى، دەپ ئېلان قىلسىمۇ، بىراق ئۇ تارىخىي رېئاللىقنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ، دېدى.

د ئۇ ق باياناتىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى ۋە خىتاينىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان «شىنجاڭ ئاق تاشلىق كىتابى» غا جاۋاب بەرگەن.

باياناتتا مۇنداق دېيىلىدۇ: «بۇ خىل چۈشەنچە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تارىخنى خاتا شەرھلەپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھازىرقى چېگراسى مانجۇ خانىدانلىقىدىن مىراس قالغانلىقىدىن ئىبارەت رېئاللىقنى ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلىشى ئاساسىغا قۇرۇلغان. قىسقىسى، شەرقى تۈركىستان تىبەتكە ئوخشاش مانجۇ خانىدانلىقى 1884‏-يىلى بېسىۋالمىغان بولسا، ئۇ بۈگۈنكى كۈندە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر پارچىسى بولمايتتى.»

مانجۇ خانىدانلىقى 1878‏-يىلى قەشقەرىيە دۆلىتىنى ئاغدۇرۇپ، 1884‏-يىلى ئۇيغۇر ئىلىنى خىتاينىڭ رەسمىي بىر ئۆلكىسىگە ئايلاندۇرغان ۋە ئۇنىڭ شىنجاڭ، دەپ ئىسىم قويغان ئىدى.

د ئۇ ق باياناتىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي، ئەنئەنىسى، مەدەنىيىتى، تىلى ئوتتۇرا ئاسىياغا مەنسۇپ خەلق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «جۇڭگو كومپارتىيەسى خەنزۇ خەلقى ۋە دۇنيانىڭ ئۇيغۇرلار 1955‏-يىلى ش ئۇ ئا ر نىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن ئۆز ئۆزىنى باشقۇرۇۋاتىدۇ، دېگەنگە ئىشىنىشىنى ئارزۇ قىلسىمۇ، بىراق ئەمىلى ئەھۋال پۈتۈنلەي بۇنىڭ تەتۈرى» دېگەن. بايانات يەنە، «شىنجاڭ ئاق تاشلىق كىتابى» نى تەنقىدلەپ، ئۇنىڭدا دۆلەت سالغان مەبلەغنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈرۈپ چىققان كۆچمەن خەنزۇلارغا كېتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت