ب د ت نىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسى يىغىنىدا د ئۇ ق ۋەكىلىگە سۆزلەش پۇرسىتى بېرىلدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2013-11-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن قۇرۇلتاينىڭ ئىجرائىيە ھەيئەت رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە قۇرۇلتاي باياناتچىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندىلەر 26-نويابىر كۈنى جەنۋەدە ئېچىلغان ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقىنى قوغداش يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى.

قۇرۇلتاينىڭ ئىجرائىيە ھەيئەت رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ جەنۋەدىن يوللىغان ئۇچۇردىن مەلۇم بولۇشىچە، يىغىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغىمۇ سۆز قىلىش پۇرسىتى بېرىلگەن بولۇپ، قۇرۇلتاي باياناتچىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى د ئۇ ق نامىدىن 3 مىنۇت سۆز قىلغاندىن كېيىن، خىتاي، كۇبا، رۇسىيە، پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر ۋەكىللىرى سۆز قىلىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىلىنى سۆزدىن توختىتىشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما ئامېرىكا، شۋېتسارىيە، فىرانسىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ۋەكىللىرى ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىلىنىڭ سۆزىنى داۋام قىلىشىنى تەلەپ قىلغاندىن كېيىن، قۇرۇلتاي باياناتچىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى سۆزىنى داۋام قىلغان.

بۇ جەرياندا خىتاي ۋەكىلى قۇرۇلتاي باياناتچىسى ئالىم سېيىتوفنىڭ شەرقىي تۈركىستان نامىنى تىلغا ئالغانلىقىغا ئېتىراز بىلدۈرۈپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىلىنىڭ سۆزىنى توختىتىشىنى ئىككىنچى قېتىم تەلەپ قىلغان. ئەمما يىغىن رەئىسى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىلىنىڭ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىپ، خىتاي ۋەكىلىنىڭ تەلىپىنى ئېتىبارغا ئالمىغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت