دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ب د ت نى ۋېيتنامدا ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تەكشۈرۈشكە چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2014-04-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۈگۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ۋېيتام - خىتاي چىگرىسىدا يۈز بەرگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشكە چاقىردى.

ۋېيتنام ھۆكۈمەت خەۋەر تورلىرى 18 - ئاپرىل جۈمە كۈنى ۋېيتنامنىڭ خىتاي بىلەن تۇتۇشىدىغان شىمالىي چېگراسىدا 5 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. ئۇلار خەۋىرىدە، ۋېيتنام ساقچىلىرى خىتاي تەرەپ تەمىنلىگەن ئاخباراتقا ئاساسەن چېگرادىن يوشۇرۇنچە كىرگەن 16 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرنى تۇتۇپ، ئۇلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن ئېلىپ ماڭغاندا، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قوراللىق قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكىنى، نەتىجىدە توقۇنۇش يۈز بېرىپ 5 ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتقان.

دىلشات رىشىت بۈگۈن ب ب س خەۋەر تورىنىڭ ۋېيتنام ۋە كامبودژا بۆلۈملىرىگە بايانات بېرىپ، ۋېيتنام دائىرىلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. ئۇ سۆزىدە ۋېيتنامنىڭ ب د ت نىڭ مۇساپىرلارنى قوغداش ھەققىدىكى كېلىشىملىرىگە 1954 - يىلى قول قويغان بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇپ «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋېيتنامدىكى بۇ ۋەقە ئۈستىدىن مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى، ئەگەر ۋېيتنام ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىدە ئالاقىدار كېلىشىملەرنى دەپسەندە قىلغانلىقى ئىسپاتلانغان تەقدىردە ۋېيتنام ھۆكۈمىتىنى جازالىشى كېرەك» دېدى.

18 - ئاپرىل سەھەردە چېگرادىن يوشۇرۇنچە ۋېيتنامغا كىرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بۇ 16 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ ئىچىدە 4 ئايال ۋە 2 بالىنىڭ بارلىقى مەلۇم بولغان. ئەمما ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەندىن كېيىنكى ئەھۋالى بولسا ئېنىقسىز تۇرماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت