دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاينىڭ 3 نەپەر ئۇيغۇرنى ئىسپاتسىز ھالدا ئۆلۈم بىلەن جازالاندۇرغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2015-03-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۈگۈن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۈنمىڭ پويىز ئىستانسىسىدىكى ۋەقەگە چېتىشلىق دەپ 3 كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكىگە قارىتا مەخسۇس بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇلار باياناتىدا، مەزكۇر قارارنى ئەيىبلەپ، بۇ 3 كىشىنىڭ بىر يىل ئاۋۋال يۈز بەرگەن كۈنمىڭ ۋەقەسىگە چېتىشلىقلىقىغا دائىر ھېچقانداق ئەمەلىي پاكىت كۆرسىتىلمىگەنلىكىنى، بۇ ھۆكۈمنىڭ قانۇنىي ئاساسىي بار-يوقلۇقىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي دائىرىلىرى 24-مارت، سەيشەنبە كۈنى ئۆتكەن يىلى يۈز بەرگەن «1-مارت كۈنمىڭ پويىز ئىستانسىسىدىكى پىچاقلىق ھۇجۇم ۋەقەسى»نى پىلانلىغۇچىلار دەپ ئەيىبلەنگەن ئىسكەندەر ئەھەت، تۇرغۇن توختىنىياز ۋە ھەسەن مۇھەممەد قاتارلىق 3 ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بېرىپ ئىجرا قىلغان.

دائىرىلەر ئۇلارنى تېررور تەشكىلاتى قۇرۇش ۋە باشلامچىلىق قىلىش، قاتىللىق قىلىش جىنايەتلىرى بىلەن ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ كۈنمىڭدىكى ۋەقەدە زادى قانداق رول ئوينىغانلىقىغا ئائىت ھېچقانداق پاكىت كۆرسەتمىدى. كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئوچۇق-ئاشكارىلىق مەسىلىسىدە ئىزچىل تەنقىدلەپ كەلمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت