» ئەل-جەزىرە «قانىلى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ خىتاينىڭ نازارىتى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-11-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

14-نويابىر كۈنى» ئەل-جەزىرە «خەۋەرلىرى ياۋروپادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قاتتىق نازارەتكە ئېلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە بىر پارچە خەۋەر تارقاتتى.

خەۋەر نورۋېگىيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلىش ئاساسىدا يېزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتكەن 8-ئايدىن 10-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا داۋاملىق ھالدا خىتاي ئەلچىخانىسىدىن ئالدىن ئاۋازغا ئېلىنغان ئاپتوماتىك تېلىفونلارنى تاپشۇرۇپ ئېلىۋاتقانلىقى ۋە بۇنىڭ ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا ۋەھىمىگە سەۋەب بولغانلىقىنى بايان قىلغان.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، نورۋېگىيەدىن سىرت يەنە گوللاندىيە، بېلگىيە ۋە فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ ئوخشاش تېلىفونلارنى تاپشۇرۇپ ئالغان.

نورۋېگىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى «ئەل-جەزىرە» گە بۇ ھەقتە قايتۇرغان ئىنكاسىدا بۇ تېلېفونلارنىڭ ئۆزلىرى بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى، بۇنىڭ تور ئالدامچىلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ «بۇنداق تېلېفونلار ھەتتا بىزگىمۇ كەلدى،» دېگەن. ئەمما «ئەل-جەزىرە» قانىلى ئۆز خەۋىرىدە مەيلى بۇ تېلېفون ھەقىقەتەن خىتاي ھۆكۈمىتى ياكى ئەلچىخانىلىرىغا مۇناسىۋەتلىك بولسۇن-بولمىسۇن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ نازارەت ئاستىغا ئېلىۋاتقانلىقى ۋە تۈرلۈك ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى كونترول ئاستىغا ئېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.

ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق تەتقىقات ئورگانلىرىدىن «گېرمانىيە مارشال فوندى جەمئىيىتى» نىڭ تەتقىقاتچىسى ئاندرۇ سمال «ئەل-جەزىرە» گە قىلغان سۆزىدە «خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە قاراتقان بېسىمىنى كۈچەيتىۋاتىدۇ. بۇ ھەقتە خىتاي ئەلچىخانىلىرىغا بىۋاسىتە چېتىشلىق ۋەقەلەر بار،» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت