تۈركىيەدە ئەلىشىر ناۋايىنىڭ 15‏-ئەسىردە يازغان بىر كىتابى بايقالدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-06-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تۈركىيەنىڭ كىلىس ۋىلايىتىدە ئاتاقلىق ئۇيغۇر شائىرى ۋە مۇتەپەككۇرى ئەلىشىر ناۋايىنىڭ 15‏-ئەسىردە يېزىلغان بىر قول يازما كىتابى بايقالغان.

تۈركىيەدىكى «ھۆررىيەت» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ناۋائىينىڭ مەزكۇر كىتابى تۈركىيە ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ كىلىس ۋىلايىتىدە تارىخى ئەسەرلەر ئەتكەسچىلىرىگە قارشى ئېلىپ بارغان بىر قېتىملىق ھەرىكىتىدە قولغا چۈشكەن. تۈركىيە ئامانلىق كۈچلىرى ۋە ئەدلىيە تارماقلىرى كىلىس ۋىلايىتىنىڭ مەركىزىدىكى بىر ئۆينى ئاختۇرۇش ئارقىلىق مەشھۇر ئەدىب ئەلىشىر ناۋايىنىڭ يېزىلغان ۋاقتى 15‏-ئەسىرگە ئائىت بولغان قول يازما ئەسىرىنى بايقىغان. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، 378 بەتلىك بۇ كىتاب ئامانلىق كۈچلىرى تەرىپىدىن مۇسادىرە قىلىنغان.

ئەلىشىر ناۋايى 1441‏-يىلى ھېرات شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ دادىسى ئۇيغۇر باخشى تىمۇرىلار ھۆكۈمدارى سۇلتان ئەبۇ سەئىدنىڭ ۋەزىرى بولغان. ئۆمرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى خوراسان، سەمەرقەنت قاتارلىق جايلاردا ئۆتكەن ناۋائىي ئۇزۇن يىل ھېرات ھۆكۈمدارى ھۈسەيىن بايقارانىڭ ھۇزۇرىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1490‏-يىلى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىنى ئەدەبىياتى، سەنئەت ئىجادىيىتىگە مەركەزلەشتۈرگەن نەۋايى، 1501‏-يىلى ھېراتتا ۋاپات بولغانىدى. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ناۋايى ماھمۇت قەشقىرىدىن كېيىن ئۇيغۇر-تۈركىي ئەدەبىي تىلىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىغا ئەڭ كۆپ تۆھپە قوشقان كىشى ئىكەن. ئۇ، «مۇھاكەمەتۇل لۇغاتەيىن» ناملىق ئەسىرىدە تۈركى تىلى بىلەن پارىس تىلىنى سېلىشتۇرۇپ، نۇرغۇن جەھەتلەردە تۈركچىنىڭ پارىسچىدىن ئۈستۈنلۈكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. كۆزەتچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تىلىنى چەكلەپ، ناۋايى قاتارلىق شائىرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر كلاسسىكلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى «بۆلگۈنچىلىك»، «دىنىي ئاشقۇنلۇق» قا باغلاپ مەنئى قىلىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئۇنىڭ بۇ قول يازما ئەسىرىنىڭ تېپىلىشى پەۋقۇلئاددە زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن. لېكىن «ھۆررىيەت» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە 378 بەتلىك بۇ كىتابتىكى شېئىرلارنىڭ مەزمۇنى، يېزىلىش ۋاقتى قاتارلىق تەپسىلاتلارغا ئورۇن بېرىلمىگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت