ۋىلسون مەركىزى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى ئەلىخان تۆرەمنىڭ 1945-يىلى ستالىنغا يازغان خېتىنى ئاشكارا قىلغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017-01-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


باش شىتابى ۋاشىنگتوندىكى ۋىلسون تەتقىقات مەركىزى يېقىندا 1944-يىلى 12-نويابىردا غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى ئەلىخان تۆرەمنىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبىرى يوسېف ستالىنغا يازغان بىر پارچە مەكتۇبى ئاشكارىلىغان.

مەزكۇر مەكتۇب ئەلىخان تۆرە شاكىرجان ئوغلىنىڭ نامى ۋە ئىمزاسى بىلەن 1945-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى غۇلجىدىن موسكۋاغا ئەۋەتىلگەن بولۇپ، مۇتلەق مەخپىي ساقلانغان بۇ ھۆججەت ئارىدىن 71 يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە ۋىلسون مەركىزىنىڭ سىفىرلىق ئارخىپ ئامبىرى ئارقىلىق ئاۋامغا بىلىنمەكتە.

مەكتۇبنىڭ بىرىنچى قۇرىدىكى ستالىنغا ئوقۇلغان مەدھىيە ۋە ھۆرمەت-تەكەللۇپ سۆزلىرىدىن كېيىن مۇنداق دېيىلگەن: «يېقىندا تېخى مۇستەبىتلەرنىڭ زۇلۇمىدىن ئازاد بولغان كەمىنە ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقى جانابىي مارشال ئالىيلىرىدىن شۇنى ئۈمىد قىلىدۇكى، بۈيۈك سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمى ۋە قوللىشى بولغاندىلا ئاندىن پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقى تولۇق ئازادلىققا ئېرىشەيلەيدۇ. مىليۇنلىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقى جانابلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقىي داھىيسى دەپ تونۇيدۇ شۇنداقلا ئېزىلگەن خەلقلەرنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدىغۇچى دەپ بىلىدۇ. بىز شۇنىڭغا چوڭقۇر ئىشىنىمىزكى، جانابلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلىشى شۇنداقلا سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ بىزگە بولغان قانۇنىي ۋە زۆرۈر ياردىمى بولغاندىلا، بىز ئاندىن زالىملارنى، مۇستەملىكىچىلەرنى يۇرت-ۋەتىنىمىزدىن قوغلاپ چىقىرالايمىز.»

مەكتۇبنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېيىلگەن: «مەن بىزنىڭ بارلىق مەقسەت ۋە ئارزۇ-ئارمانلىرىمىزنى ھۆرمەتلىك پېتر ئاندرېيېۋىچ ئارقىلىق يەتكۈزدۈم. كەمىنە يەنە قەدىرلىك ۋىلادىمىر ستېپانوۋىچنىڭ پات ئارىدا بىزگە قايتىپ كېلىشى ۋە بىزگە زۆرۈر بولغان ياردەملەرنى بېرىشىنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتمەكتە. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى ئەلىخان تۆرە شاكىرجان ئوغلى، 1944-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى، غۇلجا.»

تارىخچىلار، مەزكۇر مەكتۇب 20-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدىكى ئىلى ئىنقىلابى ۋە ئىككىنچى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقى بىلەن بولغان سىرلىق مۇناسىۋىتىنى چۈشىنىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ قارىماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت