ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ «خۇاۋېي» نىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا ياردەملەشكەنلىكى ھەققىدىكى مەكتۇپى خىتاينى بىئارام قىلغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-01-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ «خۇاۋېي» نىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا ياردەملەشكەنلىكى ھەققىدىكى مەكتۇپى خىتاينى بىئارام قىلغان

ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئۆتكەن يىلى 12‏-ئايدا ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دومىنىك رائابقا مەكتۇپ يېزىپ، «خۇاۋېي» شىركىتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا ياردەملىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى ھەمدە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىدىن بۇنى تەكشۈرۈشىنى تەلەپ قىلىشى خىتاينى بىئارام قىلغان.

خىتاينىڭ ئەنگلىيەدىكى ئەلچىسى ليۇ شاۋمىڭ 5‏-يانۋار كۈنى ئەنگلىيە «يەكشەنبىلىك تېلېگراف» گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، «خۇاۋېي» مەسىلىسىدە ئەنگلىيەنى ئاگاھلاندۇرغان. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئەگەر ئەنگلىيە «خۇاۋېي» نى چەكلىسە، بۇ ئەنگىلىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىكەن.

خىتاي ئەلچىسى بۇ ئاگاھلاندۇرۇشنى ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مەكتۇپىدىن بىر قانچە ھەپتە كېيىن ئېلان قىلغان. ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ بىر قانچە ئەزاسى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رائابقا يازغان مەكتۇپىدا «خۇاۋېي» نىڭ شىنجاڭ ج خ ئورگانلىرىغا تېخنىكالىق ياردەم بېرىۋاتقانلىقى، «بۇ شىركەتنىڭ شىنجاڭ ج خ ئورگانلىرىغا تور بوشلۇقى تېخنىكاسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى كونترول قىلىشى ۋە باستۇرۇشىنى قۇلايلاشتۇرۇپ بەرگەنلىكى» تەكىتلەنگەن.

مەكتۇپتا يەنە «خۇاۋېي» نىڭ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسىگە سانلىق ئۇچۇر مەركىزى شۇنداقلا قارىماي ج خ دائىرىلىرىنى ئاممىۋى بىخەتەرلىك تور سۇپىسى بىلەن تەمىنلىگەنلىكى، مەزكۇر شىركەتنىڭ يەنە 2018‏-يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، «ئىستىخبارات، خەۋپسىزلىك تەجرىبىخانىسى» قۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

خىتاي ئەلچىسى ليۇ شاۋمىڭ ماقالىسىدە «خۇاۋېي» نىڭ «شىنجاڭ ج خ ئورگانلىرى» غا ياردەملىشىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىنمىغان. لېكىن ئۇ «خۇاۋېي» نىڭ چەكلىنىشى ئەنگلىيەنىڭ تېخنولوگىيەسىنى ئارقىدا قويىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ليۇ شاۋمىڭ شۇ كۈنى يەنە تۋېتتېردا پىكىر بىلدۈرۈپ، «خۇاۋېي» نىڭ چەكلىنىشى «چەتئەل سەرمايىدارلىرىنىڭ ئىشەنچىنى يوقىتىپ، ئەنگىلىيە-خىتاي ھەمكارلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ مەكتۇپىدا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى «خۇاۋېي» نىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا ياردەملەشكەنلىكىنى تەكشۈرۈشكە چاقىرىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت