ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش قەدىمىنى تاشلىدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017-03-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

29-مارت كۈنى ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى تىم بارروۋ ياۋروپا كېڭىشىگە ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن رەسمىي ئايرىلىش ھەققىدىكى مەكتۇپىنى تاپشۇردى.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى دونالد تۇسكقا يوللانغان، ئەنگلىيە باش مىنىستىرى تېرېسا مەي ئىمزا قويغان مەزكۇر خەتتە، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش ھەرىكىتىنى رەسمىي باشلىغانلىقى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بۇ ھەقتە سۆھبەت ئېلىپ بارىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ئەنگلىيە باش مىنىستىرى تېرېسا مەي ئەنگلىيە پارلامېنتىدا سۆزلىگەن سۆزىدە، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشنىڭ ئۆز دۆلەتلىرى پۇقرالىرىنىڭ دېموكراتىك ئارزۇسىغا ئۇيغۇن ئىكەنلىكى ۋە بۇنىڭ ئەنگلىيە ئۈچۈن زور تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە، قايتىپ كەلمەس يول ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ياۋروپا كېڭىشى رەئىسى تۇسك، ئەنگلىيەنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش مەكتۇپىنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى، بۇنىڭ كۆڭۈلسىز ئىش بولسىمۇ، ئەمما ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇنىڭغا قارىتا تەييارلىق كۆرۈپ بولغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىغا بۇ يىل 44 يىل توشقان بولۇپ، بۇ دۆلەت ئاخىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش قەدىمىنى رەسمىي تاشلىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت