ئەنگىلىيە پارلامېنت ئەزاسى سابىيەن مەكدونا خانىم: «ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق كۆز ئالدىمىزدا يۈز بېرىۋاتىدۇ»

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2020-10-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئەنگىلىيە ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى سابىيەن مەكدونا خانىم 12-ئۆكتەبىر ئەنگىلىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن خىتاينىڭ جىنايەتلىرىگە قارشى تەدبىر ئېلىش مۇزاكىرە يىغىنىدا سۆز قىلىپ: «كىشىنى چۆچۈتىدىغان ئىسپاتلار ۋە قورقۇنچلۇق دوكلاتلار كىشىنى ئىلگىرىكىدىنمۇ بەك ئەنسىزلىككە سالىدۇ. ئىنسانلارنى خورلاش، ئاياللارنىڭ بالىسىنى چۈشۈرۈۋېتىش ۋە ئۇلارنى تۇغماس قىلىش دېگەندەك جىنايەتلەر، يەنى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق كۆز ئالدىمىزدا يۈز بېرىۋاتىدۇ.

باش مىنىستىر خەلقئارا قانۇندا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ قانچىلىك ئېغىر جىنايەت بولىدىغانلىقىنى بىلسۇن، ئۇ بەلكىم بۇ يەردە ئاللىقانداق يوليورۇققا ئاساسەن، ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دېگەن سۆزنى ئىشلەتمەسلىكى مۇمكىن. ئەمما ھازىر بولۇۋاتقان بۇ پاجىئە بۇ دەرىجىگە ئاللىقاچان يېتىپ بولدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىلمىشىغا چوقۇم ئېنىقلىما بېرىش كېرەك؛ ئۇلار ئۇيغۇرلارغا سىستېمىلىق، پىلانلىق ھالدا ئېتنىك تازىلاش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ،» دېگەن.

سابىيەن مەكدونا خانىم يەنە 13-ئۆكتەبىر ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر ھېسابىغا پارلامېنتتا سۆزلىگەن ۋىدىيوسىنى چىقارغان ھەمدە «ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق كۆز ئالدىمىزدا يۈز بېرىۋاتىدۇ. ئەگەر يەنە مۇشۇنداق قاراپ تۇرۇۋېرىدىغان بولساق، تارىخ بىزنىڭ بۇ كەچۈرگۈسىز بولۇمسىزلىقىمىزنى ئەيىبلەيدۇ ھەمدە ھۆكۈمەت بېشىدىكىلەردىن نېمىشقا بۇنىڭغا ھەرىكەت قوللانمىغانلىقىنى سورايدۇ. چۈنكى بۇ قېتىم ھېچكىم بۇنى ئۇقماپتىمىز دېيەلمەيدۇ،» دەپ يازغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت