ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزاسى دايەن ئابوت «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» ئىنكار قىلىنغان تور يىغىنىغا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن ئەپۇ سورىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-11-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئەنگلىيە پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى دايەن ئابوت 15-نويابىر تىۋېتتېردا ئۇچۇر يوللاپ، 14-نويابىر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى ئىنكار قىلىنغان بىر تور يىغىنىغا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن ئەپۇ سورىغان. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇ بۇ يىغىنغا خىتاينىڭ ۋەھشىيلىكىنى ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ قاتناشقانلىقىدىن خەۋىرى يوق ئىكەن. لېكىن ئەنگلىيەلىك بەزى ژۇرنالىستلار ئۇنىڭ بۇ يىغىنغا قاتنىشىپ، بۇنى «قانۇنلاشتۇرغانلىقى»، شۇ سەۋەبتىن بۇنىڭ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

دايەن ئابوت 14-نويابىر «ئىرقچىلىققا ۋە يېڭى سوغۇق ئۇرۇشقا قارشى بىرلىشىش» ناملىق بىر تور يىغىنىغا قاتناشقان. يىغىندا بەزى قاتناشقۇچىلار خىتاينىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قاماپ، ئومۇميۈزلۈك باستۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلغان. دايەن ئابوت 15-نويابىر تىۋېتتېردا ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئىشچىلار پارتىيەسى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ: «ئەگەر مېنىڭ شەنبە كۈنىدىكى بۇ يىغىنغا قاتنىشىشىم پەرقلىق سىگنال بەرگەن بولسا، ئەپۇ سورايمەن،» دېگەن.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇ ئۆزىنىڭ «خەلقئارا ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇش ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرىدىكەن.» بىراق ئەنگلىيەلى ژۇرنالىست ئوز كاتېرجى 15-نويابىر مەجىد ناۋازنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، دايەن ئابوتنىڭ بۇرۇنمۇ سېربىيە-بوسنىيە ئۇرۇشى ۋە سۈرىيە مەسىلىسىدە ئوخشاش خاتالىق سادىر قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، دايەن ئابوت «بۇ يىغىنغا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن ئەپۇ سوراشنىڭ ئورنىغا بۇنداق بىر مۇنبەرگە چىقىپ، ئۇنى قانۇنلاشتۇرغانلىقى ئۈچۈن جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك،» ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت