150 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى قول قويغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مۇراجىئەتنامە ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرۇلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-11-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئەنگىلىيەنىڭ 150 نەپەر پارلامېنت ئەزاسىنىڭ قول قويۇشى بىلەن ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زىيانكەشلىكىگە قارشى تەدبىر قوللىنىشقا چاقىرىلغان مۇراجىئەتنامە 19-نويابىر كۈنى باش مىنىستىر بوررىس جونسون ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.

«يەھۇدىي خەۋەرلىرى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ مۇراجىئەتنامىنى ئەنگىلىيەدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە دىققەت تارتىشتا ئاكتىپ رول ئېلىپ كېلىۋاتقان كونسىرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى نۇسرەت غەنى تاپشۇرغان ئىكەن.

مۇراجىئەتنامىدە ئەنگلىيە پارلامېنتى ۋە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارىتا مۇستەقىل خەلقئارا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش، دۆلەت ۋە دۆلەت سىرتىدىكى جاۋابكارلارنى جازالاش، بۇ ۋەھشىيلىككە قۇلايلىق شارائىت يارىتىپ بەرگەن شىركەت ۋە شەخسلەرنى چەكلەش قاتارلىقلار تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

مەزكۇر مۇراجىئەتنامىنى «يەھۇدىي خەۋەرلىرى» گېزىتى رېنە كېسسىن ساخاۋەت جەمئىيىتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزاسى نۇسرەت غېنى قاتارلىقلار بىرلىكتە تەييارلىغان بولۇپ، ئەينى چاغدا خىتاي دائىرىلىرى «يەھۇدىي خەۋەرلىرى» باشچىلىقىدا تەييارلانغان بۇ مۇراجىئەتنامىنى «ئېچىنىشلىق تۆھمەت» دەپ ئەيىبلىگەن ۋە ئۇنىڭدا يەر ئالغان زۇلۇملارنىڭ ھەممىنى رەت قىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت