«سىياسىي چولپان» ئەنۋەر تۇرسۇن تەكشۈرۈشكە ئېلىپ كېتىلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-07-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھاكىمىيەت سىستېمىسىدا سانى ئانچە كۆپ بولمىغان ئۇيغۇر ئەمەلدارلارنىڭ بىرى بىر قىسىم كىشىلەر كەلگۈسىدە تېخىمۇ يۇقىرى مەنسەپ پەشتىقىغا چىقىدۇ دېگەن قاراشتا «سىياسىي چولپان» دەپ ئاتايدىغان ئەنۋەر تۇرسۇن ھېسابلىنىدۇ. يېقىنغىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى بولۇپ ئىشلەۋاتقان ئەنۋەر تۇرسۇننىڭ بۇنىڭدىن مەلۇم ۋاقىت ئىلگىرى «تەكشۈرۈش» كە ئېلىپ كېتىلگەنلىكى 30-ئىيۇل كۈنى ئېلان قىلىندى.

«خىتاي خەۋەر تورى»، «بېيجىڭ تېز گېزىتى» قاتارلىق كۆپلىگەن خىتاي ئاخباراتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئەنۋەر تۇرسۇن خىزمەت جەريانىدا «ئېغىر دەرىجىدە ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان» لىقى ئۈچۈن تەپتىش ئورۇنلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئېلىپ كېتىلگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 1966-يىلى 5-ئايدا خوتەندە تۇغۇلغان ئەنۋەر تۇرسۇن 1982-يىلىدىن 1987-يىلىغىچە «شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئىنستىتۇتى» دا ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مالىيە سىستېمىسىدا خىزمەت قىلغان. 2001-يىلىدىن تارتىپ قەشقەر شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى، يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى ۋە قەشقەرنىڭ شەھەر باشلىقى قاتارلىق خىزمەتلەردە بولغان. 2017-يىلى ش ئۇ ئا ر خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل «تەكشۈرۈش» كە ئېلىپ كېتىش ھەرىكىتى ئادەتتە يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلارغا بېرىلىدىغان جازانىڭ بىرىنچى قەدىمى بولۇپ، «تەكشۈرۈش» تىن كېيىن سوت مەھكىمىسى قاماققا ھۆكۈم قىلىدىكەن. سابىق رەئىس نۇر بەكرىمۇ ئەينى ۋاقىتتا قەشقەرنىڭ مۇئاۋىن ۋالىسى بولۇپ ئىشلىگەن ھەمدە 2018-يىلى مۇشۇ خىلدىكى «تەكشۈرۈش» كە ئېلىپ كېتىلگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت