ئەركىنلىك سارىيى ئىنتېرنېت ئالاقە تورى ئەركىنلىكىگە ئائىت يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-11-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىدىن «ئەركىنلىك سارىيى» 5-نويابىر كۈنى دۇنيادىكى 65 دۆلەتنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورى ئەركىنلىك ئەھۋالىغا قاراپ چىقىلغان يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.

«ئىجتىمائىي ئالاقە تورى كرىزىسى» ماۋزۇسىدا ئېلان قىلىنغان بۇ يىللىق دوكلاتتا كىشىلەرنىڭ پىكىر ۋە مۇنازىرە ئەركىنلىكىگە سورۇن ھازىرلاپ بېرىۋاتقان ئالاقە تورلىرىنى ئىستىبدات ھاكىمىيەتلەرنىڭ پىكىر جەھەتتىن ئۆزلىرىگە ياقمايدىغان كىشىلەرنى نازارەت قىلىدىغان، بېكىتىدىغان، ئۇلارنىڭ پىكىرلىرىنى جىنايەت پاكىتى سۈپىتىدە يىغىدىغان سورۇنلارغا ئايلاندۇرۇلۇۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان. دوكلاتتا تەكىتلىنىشىچە، ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرى ھازىر ئىستىبدات ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئىنسانلارنى تەقىبلىشىنى ۋە ئۇلارغا زەربە بېرىشىنى قولايلاشتۇرماقتىكەن.

مەزكۇر دوكلاتتا خىتاي بۇ يىلمۇ «ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنى ئەڭ ئېغىر دەپسەندە قىلغۇچى» دۆلەت بولۇپ باھالانغان بولۇپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىنتېرنېتقا قاراتقان كونترول ۋە چەكلىمىسى ئىلگىرىكى يىللاردا كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە ئېغىرلاشقان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېتتىكى ئۇچۇرنى قامال قىلىش دەرىجىسى خوڭكوڭدىكى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىشلار مۇناسىۋىتى بىلەن ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققان. دوكلاتتا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىنتېرنېت تورى ساھەسىگە قاراتقان كونترول ۋە باستۇرۇشى ھەققىدىمۇ تەپسىلىي مەلۇماتلار بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلغان «قايتا تەربىيە لاگېرلىرى «غا ئادەم تۇتۇشتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دەل مۇشۇ ئىنتېرنېت ئالاقە تورىنى ئىشلەتكەنلىكى، مەسىلەن كىشىلەرنى تېلېفونىغا ۋاتسەپ چۈشۈرگەنلىكى، چەتئەللەردىكى تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقە قىلغانلىقى ياكى دىنى مەزمۇندىكى ماتېرىياللارنى كۆرگەنلىكىدەك سەۋەبلەر بىلەن لاگېرغا قامىغانلىقىنى بايان قىلغان.

دوكلاتتا يەنە، خىتاي خاككىرلىرىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار قول تېلېفونلىرىغا ۋە ئۇلار كۆپ زىيارەت قىلىدىغان تور بەتلەرگە خاككىرلىق ھۇجۇمى قوزغىغانلىقىمۇ تىلغا ئېلىنغان. دوكلاتتا «شىنجاڭ رايونى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىگىتال ئىستىبداتلىق مودېلىنى سىناق قىلىدىغان بازىسى قىلىنماقتا. بۇ يەردە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان دىگىتال ئىستىبداتلىق مودېلى خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىگە ئومۇملاشتۇرۇلماقتا» دەپ كۆرسىتىلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت