ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى نازارەت سىستېمىسىغا چېتىشلىق بولغان خەيكاڭ شېركىتىنى تەنقىد قىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-05-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى (USCIRF) خىتاينىڭ خەيكاڭ شېركىتىنى (Hikvision) «ئېغىر دىنىي ئەركىنلىك دەپسەندىچىلىكىگە چېتىشلىق» دەپ تەنقىد قىلدى.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى (USCIRF) يېقىندا بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى پاي چېكى بازىرىغا سېلىنىپ ئوبوروت قىلىنىۋاتقان فېدېراتسىيە پېنسىيە زاپىسىنى قايتۇرۇپ كېلىش قارارىنى قارشى ئالغان.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارنى چىقىرىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب يۇقىرىقى بۇ پېنسىيە مەبلەغلىرىنىڭ ۋاسىتىلىك ھالدا خىتاي ئارمىيەسىنى ھەربىي ئايروپىلانلار بىلەن تەمىن ئېتىدىغان «خىتاي ئاۋىئاتسىيە سانائىتى گۇرۇھى» ۋە نازارەت مېخانىزىمىدا ئاۋانگارتلىق رولىنى ئويناۋاتقان خەيكاڭ» رەقەملىك تېخنولوگىيە شىركىتى» گە ئوخشاش شىركەتلەرنى ئىقتىسادىي يۆلەككە ئىگە قىلىپ قويۇشى ئىدى.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى تېنزىن دورجى باياناتتا يەر ئالغان سۆزىدە بۇ قارارنىڭ ئىنتايىن توغرا بولغانلىقىنى شەرھلەپ: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلغار كامېرا سىستېمىسى ئارقىلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنى نازارەت قىلىدۇ. ئۇلار بۇ كامېرالار ئارقىلىق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى، تىبەت بۇددىستلىرى ۋە باشقا دىنىي گۇرۇپپىلارنى نازارەت قىلدى،» دېگەن.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى گارى باۋئېر بولسا باياناتتا «ئامېرىكا فېدېراتسىيە خىزمەتچىلىرى ئۆزلىرى ئىشلەپ تاپقان پېنسىيە پۇلىنىڭ خىتايدىكى دىنىي ئەركىنلىك بېسىمىغا يانتاياق بولمايدىغانلىقى ھەققىدە كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى كېرەك،» دېگەن. ئۇ: «بىز ھەرگىزمۇ پايدا ئۈچۈن قىممەت قارىشىمىزنى قۇربان قىلماسلىقىمىز كېرەك،» دەپ ئەسكەرتكەن.

خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى 2020-يىللىق يىللىق دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى «يەر شارى ماگنېتسكىي كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» ۋە خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك قانۇنلىرىنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدىكى دىنى ئەركىنلىكنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىغا مەسئۇل بولۇۋاتقان ئۇيغۇر رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو قاتارلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت