ئەركىنلىك سارىيى يىللىق دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنى «دۇنيا دېموكراتىيەسىگە تەھدىت»، دەپ كۆرسەتتى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-02-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىدىن «ئەركىنلىك سارىيى» بۈگۈن ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدىكى ئەركىنلىك ۋەزىيىتى باھالاپ چىقىلغان يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى دۇنيادىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق خاھىشلىرىنىڭ ئارتىش» ۋەزىيىتىگە مىسال قىلىپ كۆرسىتىلگەن.

ئەركىنلىك سارىيىنىڭ كۆرسىتىشىچە، دۇنيا مىقياسىدا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» خاھىشى يۈكسەلگەن. جۈملىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى 800 مىڭدىن-2 مىليونغىچە بولغان ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنى «قايتا تەربىيە» لاگېرلىرىغا قامىغان. رۇسىيە قىرىمنى ئىشغال قىلىش ئارقىلىق قىرىم تاتارلىرىغا بېسىمنى كۈچەيتكەن، بىرما ھۆكۈمىتى بولسا روھىنگا مۇسۇلمانلىرىنى قىرغان ۋە مەجبۇرىي كۆچۈشىگە سەۋەب بولغان.

ئەركىنلىك سارىيى دوكلاتىدا يۇقىرىدىكى بۇ ھەرىكەتلەرنى «بۇ چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئىچىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆزگىچە كىملىكىنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنۇشىدىن ئىبارەت» دەپ بايان قىلغان.

دوكلاتتىن قارىغاندا خىتاي بۇ يىلمۇ دۇنيادىكى «ئەركىن بولمىغان دۆلەتلەر» قاتارىدىن ئورۇن ئالغان بولۇپ، ئۇ شۇنداقلا يەنە دۇنيادا ئىنتېرنېت تور چەكلىمىسى ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىسىنىڭ ئومۇملىشىشىدا باشلامچىلىق رول ئوينىماقتىكەن. ئەركىنلىك سارىيىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكا ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھاكىممۇتلەق تۈزۈمىنى يەنىمۇ كۈچلەندۈرۈشى ۋە بۇ دىگىتال قۇدرەتكە ئىگە بولغان ھاكىممۇتلەق تۈزۈمىنى دۇنياغا يايماقچى بولۇشى دۇنيا دېموكراتىيەسىگە جىددىي تەھدىت پەيدا قىلماقتىكەن.

دوكلاتتا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئىچىدىلا بېسىم سىياسىتى يۈرگۈزۈپ قالماي، بەلكى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىمۇ يېقىندىن تەقىب قىلىپ، ئۇلارنى تەھدىت ئاستىغا ئالغانلىقىمۇ تىلغا ئېلىنغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت