ئەركىنلىك سارىيى ئامېرىكانىڭ خىتايغا تەيىنلەنگەن يېڭى باش ئەلچىسىگە چاقىرىق ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017-05-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى بولغان ئەركىنلىك سارىيى سەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكانىڭ خىتايغا تەيىنلەنگەن يېڭى باش ئەلچىسىنى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە ئەھمىيەت بېرىشكە چاقىردى.

22-ماي كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئىلگىرى ئايوۋا شتاتىنىڭ شتات باشلىقى ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرغان تېررىي براندستەندنى ئامېرىكانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى قىلىپ تەيىنلەشنى قارارلاشتۇرغان. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەركىنلىك سارىيى دەرھال بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭ ئامېرىكانىڭ ئەڭ مۇھىم ۋە شۇنداقلا ئەڭ رىقابەتكە تولغان دىپلوماتىيىلىك ئورۇنغا تەيىنلەنگەنلىكىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، ئۆز مەسئۇلىيەتلىرىنىمۇ ئەسلىتىپ ئۆتتى.

ئەركىنلىك سارىيى باشلىقى مايكىل ئابراموۋىتز باياناتتىكى سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «باش ئەلچى براندستاند خىتايغا يولغا چىقىشتىن بۇرۇن چوقۇم ئامېرىكىدىكى خىتاي ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋەكىللىرى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ۋە سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى قاتارلىق ئۇنىڭ خىتاينىڭ دىكتاتور تۈزۈمىنىڭ قاراڭغۇ يۈزى بىلەن كۆپرەك تونۇشۇشىغا ياردەم قىلالايدىغان كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىشى كېرەك. بۇ ئۇچرىشىش خىتاي ھۆكۈمىتىگىمۇ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە كىشىلىك ھوقۇق مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، دېگەن سىگنالنى بېرىدۇ».

مەلۇم بولۇشىچە، تېررىي براندستاندنىڭ باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسى دۆلەت مەجلىسىدە 13 كە قارشى 82 ئاۋاز بىلەن قارارلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ قارار يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، ئەگەر باش ئەلچىلىككە تەيىنلەنگەن تەقدىردە، ئۆزىنىڭ خىتاي رەھبەرلىرى ۋە خەلقى ئالدىدا ئامېرىكانىڭ قىممەت قارىشىنىڭ ياخشى بىر ۋەكىلى بولۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ھەممە كىشىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت