ئەرمىنىيەدە ئۆكتىچىلەر قوراللىق ساقچى كۈچلىرىگە ھۇجۇم قىلدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016-07-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تۈركىيەدە ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئىككى كۈندىن كېيىن تۈركىيە بىلەن چېگرىداش ئەرمېنىيە جۇمھۇرىيىتى پايتەختى يېرېۋان شەھىرىنىڭ سىرتىدىكى بىخەتەرلىك قوشۇنلىرى جايلاشقان بىر بازىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەرمېنىيە مىللىي بىخەتەرلىك ئورگىنى يەكشەنبە كۈنى بىر توپ ئادەملەرنىڭ يېرېۋان شەھىرى يېنىدىكى ئەربۇنى رايونىغا جايلاشقان چارلاش ساقچى كۈچلىرى پولكىغا ھۇجۇم قىلىپ ئىگىلەپ، ئەرمېنىيە ھۆكۈمىتىدىن «يېڭى ئەرمېنىيە» ئىجتىمائىي فرونتى دەپ ئاتالغان سىياسىي تەشكىلاتنىڭ قولغا ئېلىنغان رەھبىرى جىرايرا سېفىلىياننى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.ھۇجۇمچىلار يەنە ئەرمېنىيە پرېزىدېنتى سېرژا سارگاسىياننى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشكە چاقىرغان.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ھۇجۇم ۋەقەسىدە بىر ساقچى ئۆلگەن ۋە بىر قانچە كىشى يارىلانغان بولۇپ، ساقچى تەرەپ بىلەن ھۇجۇمچىلار تەرەپ ئارىسىدا گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغانلارنى قويۇپ بېرىش ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىلغان. خەۋەر مەنبەلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھۇجۇمچىلار ئازاد قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئۆكتىچى رەھبىرى ئەرمېنىيە ھۆكۈمىتىنى تاغلىق قاراباغ مەسىلىسىدە كۆپ قېتىم تەنقىد قىلغان ئىكەن.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەرمېنىيە تۈركىيەدىكى ھەربىي سىياسى ئۆزگىرىش يۈزبېرىش ئەھۋالىغا ئالاھىدە دىققەت قىلغان. ئانالىزچىلار تۈركىيەدىكى بۇ ئۆزگىرىش ۋەقەلىرىنىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگىمۇ كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىنلىكى پەرەز قىلماقتا.

تولۇق بەت