«نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش» نامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەرزان ئەمگەك كۈچىگە ئايلاندۇرۇلۇشى دىققەت قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-01-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش خەلقئارا جامائەت ئارىسىدا زور غۇلغۇلا پەيدا قىلغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى «كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى» ئاچقانلىقى ھەققىدىكى تەشۋىقاتلارغا يانداشتۇرۇپ «ئۇيغۇرلارنى نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش» تا قانداق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى تەشۋىق قىلىشقا باشلىدى.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 14-يانۋاردىكى خەۋىرىدە مەكىت ناھىيەسىدىن 800 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ياشنىڭ ئىچكىرىدىكى زاۋۇتلارغا بېرىپ زاۋۇتلاردا ئىشلەمچىلىك قىلىش ئارقىلىق «باي بولۇشقا ئاتلانغانلىقى» ئالاھىدە خەۋەر قىلىنغان.

خەۋەردە مەكىتتىن ئۆتكەن يىلى 2900 دىن ئارتۇق ياش ئىچكىرىگە ئەۋەتىلگەنلىكى شۇنىڭدەك «ئوشۇقچە ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىچكىرىگە يۆتكەش» نامىدا ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئىچكىرىگە ئاپىرىپ زاۋۇتلارغا ئىشچىلىققا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرىنى «باي» قىلغانلىقى يەنە بىر قېتىم ئەسلىتىلگەن. ئەمما كۆزەتكۈچىلەر ئىزچىل بۇنى رەت قىلىپ «خىتايدىكى خىتاي پۇقرالىرى ياراتمايۋاتقان تۆۋەن مائاشلىق خىزمەتنى ئۇيغۇرلارغا بېرىش بىلەن ئۇيغۇرلار باي بولالمايدۇ. بۇنىڭدا ‹جىننىڭ قەستى شاپتۇلدا› دېگەندەك ئىشلار بولۇۋاتىدۇ» دېگەن ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەشر ئەپكارى بولغان «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى» 15-يانۋاردا مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ «2018-يىلى شىنجاڭدىكى نامراتلىقنىڭ يېرىمى تۈگىتىلدى» دەپ خۇلاسە چىقارغان. شۇنىڭدەك ئۆتكەن بىر يىلدا 500 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن «قوش تىللىق مائارىپقا» تېخىمۇ بەكرەك زېھىن قويۇشقا مۇمكىن بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئەمما ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بارلىق مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلىنىڭ مەنئى قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئېغىز ئاچمىغان. ئۇيغۇرلار دىيارىدىن قېزىلىۋاتقان، ھەر يىلى خىتاي ئىقتىسادىنى نەچچە يۈز مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدە بايلىق بىلەن تەمىنلەۋاتقان يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشى ھەققىدە تېخىمۇ سۆز قىلىنمىغان.

يېقىندا «زىمىستان» ژۇرنىلى مەخسۇس خەۋەر ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل تەكىتلەۋاتقان «كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى» دىكى ئۇيغۇرلارنىڭ «ھۈنەر ئۆگىنىپ ئەمگەك قىلىشى» نىڭ ئىچ سىرىنى پاش قىلغان. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، ئۆز ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا «مەكتەپ» دەپ ئاتىلىۋاتقان لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇرلار مەجبۇرىي شەكىلدە ھەقسىز ئەمگەكلەرگە سېلىنماقتا ئىكەن. ئۇلار بۇ جايدىكى لاگېرلارغا يانداش سېلىنغان زاۋۇتلاردا «ئۆزگەرتىش» نىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە زاۋۇت ئىشچىلىرى ئورنىدا ھەقسىز ئەمگەك قىلماقتا ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت