ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا كەڭ خەۋەر قىلىندى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017-03-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

چارشەنبە كۈنى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى 50 ماددىلىق ئاپتونوم رايوننىڭ «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى» نى رەسمىي قاراردىن ئۆتكۈزگەنلىكىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، بۇ خەۋەر خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىمۇ كۈچلۈك ئىنكاس قوزغاپ، كەڭ خەۋەر قىلىندى.

بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر رويتېرس ئاگېنتلىقى، ب ب س خەۋەر تورى، ياخۇ خەۋەرلىرى، ئاۋسترالىيەنىڭ خەلقئارالىق تېلېۋىزىيىسى ئا ب س قانىلى، ئەنگلىيەنىڭ مۇستەقىل گېزىتى ۋە شۇنىڭدەك پاكىستان، ھىندىستان ۋە كېنىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تورلىرىدىمۇ كەڭ خەۋەر قىلىندى.

بۇ ھەقتە مۇستەقىل گېزىتىدە بېرىلگەن تەپسىلىي خەۋەردە، يۇقىرىدىكى «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى»دىكى ئالاقىدار ماددىلارغا ئاساسەن ئەگەر بىر كىشى دۆلەت تېلېۋىزىيە قانىلىنى كۆرۈشنى خالىمىسىمۇ جىنايەت قاتارىغا كىرىدىغانلىقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىندى. خەۋەرلەردە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق قوللۇق سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى، بۇ سەۋەبلىك زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ كۆپەيگەنلىكى، ئۇيغۇر ئېلىدە بۇرقا كىيىدىغانلارنىڭمۇ كېيىنكى يىللاردا كۆرۈنەرلىك ئارتقانلىقى، ئەمما نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بۇنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرىگە قارشى بىر ئىنكاس سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان، دەپ قارايدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان بىر قىسىم چەتئەللىك تەتقىقاتچىلار، تىۋىتتېر تورىدىكى ئىنكاسلىرىدا، ئەسەبيلىكنى تۈگىتىش نىزامىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى دىنىي ۋە پىكىر قىلىش ئەركىنلىكىگە قىلىۋاتقان باستۇرۇشىنى قانۇنىيلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇش، دەپ ئاتىدى. يەنە بىر ئىنكاستا «ئەمدى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەسەبىيلىكىنى سۈرۈشتۈرىدىغان ۋاقىت كەلدى» دەپ يېزىلدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت