«ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى» ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىدە تەشۋىقات پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرۇلغان

مۇخبىرىمىز جۈمە
2017-04-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى» نى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇشقا باشلىغان. تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتى خوتەن ناھىيەسىدە بەش كۈن مەخسۇس «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» لېكسىيىسى ئۇيۇشتۇرغان.

ئۇلار 1-ئاپرېلدىن 5-ئاپرېلغىچە، ناھىيەگە قاراشلىق خانئېرىق، باغچە يېزىسى قاتارلىق يېزىلاردا 9 مەيدان لېكسىيە تەشكىللىگەن.

لېكسىيەدە «قانداق قىلىپ بىر ۋەتەنپەرۋەر، قانۇنغا بويسۇنىدىغان پۇقرا بولۇش، تېررورلۇققا زەربە بېرىش ۋە مۇقىملىق ساقلاشتا ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى قانداق باشلامچىلىق قىلىش» قاتارلىق مەزمۇنلارنىڭ ئاساسلىق ئورۇن ئىگىلەنگەنلىكنى دىققەتنى چېكىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرگە قارىغاندا، يەنە بۇ خىلدىكى تەشۋىقات پائالىيەتلىرى ئۇيغۇر رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك مائارىپ ساھەسىدىمۇ ئۆتكەن 6 كۈندىن بۇيان ئىزچىل داۋام قىلغان.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى يەنە بىر پارچە خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى» نىڭ 30-باب 12-ماددىسىدىكى «مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان مىللىي دىنىي سىياسەت تەربىيەسىنى كۈچەيتىش، بۆلگۈنچىلىككە قارىشى تۇرۇشنى كۈچەيتىش، سىڭىپ كىرىشكە قارىشى تۇرۇش، ھەر قانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ مۇنبەردىن پايدىلىنىپ، ئەسەبىيلىك تەربىيەسى ئېلىپ بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش» قاتارلىق مەزمۇنلار مائارىپ ساھەسىدىكىلەرگە قارىتىلغان.

خىتاي دائىرىلىرى 29-مارت ئاتالمىش «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى» نى ماقۇللاپ بۇنىڭ 1-ئاپرېلدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

50 ماددىلىق مەزكۇر نىزامدا ساقال قويۇش ئۆلچەملىرى ۋە دىنىي يوسۇندا كىيىنىشكە قارىتىلغان چەكلىمىلەر كۆرسىتىلگەندىن باشقا «رادىئو، تېلېۋىزىيە قاتارلىقلارنى چەتكە قېقىش، ھالال ئۇقۇمىنى كېڭەيتىش» قاتارلىقلارمۇ «ئەسەبىيلىك» كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈلگەن.

خىتاي دائىرىلىرى بۇ نىزامنى جەمئىيەت مۇقىملىقى بەرپا قىلىشتا پايدىلىق دەپ كۆرسەتكەن.

ئەمما بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكا خەلقئارالىق دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى تەتقىقاتچىسى تىنا مۇففورد خانىم بۇنداق بىر تەدبىرىنىڭ خىتاي كۈتكەندەك نەتىجە بېرىشنىڭ ئورنىغا ئۇيغۇر ئېلىدە يەنىمۇ كۈچلۈك نارازىلىقلارغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت