ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇشقا ئائىت بىر يېڭى قانۇنىي نىزامنى بېكىتتى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017-03-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، 29-مارت كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12-قېتىملىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرىنىڭ 28-قېتىملىق يىغىنىدا 43 دائىمىي ھەيئەت ئەزانىڭ ئاۋازى بېرىشى بىلەن 50 ماددىلىق «ئاپتونوم رايوننىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى» قاراردىن ئۆتكۈزۈلگەن.

يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغان خەلق قۇرۇلتىيى مۇدىرى نەيىم ياسىن مەزكۇر نىزامغا باھا بېرىپ، «مەزكۇر نىزام ئەسەبىيلىكنىڭ چېگراسىنى روشەن بېكىتىپ بەردى، ئەسەبىيلىكنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىش، ئۇنى قانداق چەكلەش ۋە قانداق يوقىتىش قاتارلىقلارنى كۆرسىتىپ بەردى» دېگەن.

مەزكۇر 50 ماددىلىق نىزامدا ئەسەبىيلىكنىڭ ئىپادىسى سۈپىتىدە 15 تارماق نۇقتىلار تەپسىلىي كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بۇلار قاتارىغا: «باشقىلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ئارىلىشىش، باشقىلارنى دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشقا زورلاش، رادىئو، تېلېۋىزىيە قاتارلىقلارنى چەتكە قېقىش، يېمەكلىكلەرنىڭ ھالاللىق ئۇقۇمىنى كېڭەيتىش، پەرزەنتلىرىنىڭ دۆلەت مائارىپى تەربىيەسى ئېلىشىغا يول قويماسلىق» ۋە باشقا كۆپ خىل مەزمۇنلار كىرگەن.

مەزكۇر نىزامدا يەنە ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش مەسئۇلىيەتلىرى كونكرېت بېكىتىلگەن.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئىنكاس قايتۇرۇپ، مەزكۇر يېڭى نىزامنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى، سۆز- مەتبۇئات ئەركىنلىكى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلىك ھوقۇق ئەركىنلىكى قاتارلىق ئەقەللىي ئىنسان ھەقلىرىنى تېخىمۇ دەخلى-تەرزگە ئۇچرىتىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئەسەبىيلىك ھەم تېررورلۇق قالپىقى كىيدۈرۈپ جازالاشنى قانۇنلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر نىزام 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن ئېتىبارەن ئۇيغۇر رايونى دائىرىسىدە رەسمىي يولغا قويۇلىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت