ئەسەد ھۆكۈمىتىنىڭ خىمىيىۋى قورال ئىشلەتكەن بولۇش ئېھتىماللىقى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2013-08-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

سۈرىيەدىكى قوزغىلاڭچى كۈچلەر ئەسەد كۈچلىرىنىڭ زەھەرلىك گاز قاچىلانغان بومبىلار ئارقىلىق پايتەخت دەمەشىققە يېقىن ھۇتا رايونىغا ھۇجۇم قىلىپ، 1000 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ھاياتىغا زامىن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

بەشەر ئەسەدنىڭ ئۆز خەلقىگە قارشى خىمىيىۋى قورال ئىشلەتكەن بولۇش ئېھتىماللىقى خەلقئارادا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. بەزى خەۋەرلەردە، بۇ قېتىملىق زەھەرلىك گاز ھۇجۇمىدا 1300 گە يېقىن ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يۈزلىگەن كىچىك بالىنىڭ بارلىقى خەۋەر قىلىنماقتا.

سۈرىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى زەھەرلىك گاز ئىشلەتكەنلىكىنى رەت قىلدى. ئەمما سۈرىيەلىك قوزغىلاڭچىلار ۋە شۇنداقلا بىر قىسىم غەرب ئەللىرىنىڭ رەھبەرلىرى ب د ت نى دەرھال رايونغا تەكشۈرگۈچى ئۆمەك ئەۋەتىپ، ئەھۋالنى ئېنىقلاشقا چاقىرماقتا. فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۈگۈن بەرگەن باياناتىدا، ئەگەر ئەسەد كۈچلىرىنىڭ خىمىيىۋى قورال ئىشلەتكەنلىكى دەلىللىنىدىغان بولسا، خەلقئارانىڭ دەرھال ئەسەدكە قارشى كۈچ قوللىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەد داۋۇتئوغلى بولسا ب د ت نى سۈرىيە كرىزىسنى ھەل قىلىشتا تەدبىرسىزلىك ۋە قارارسىزلىق، بىلەن ئەيىبلىدى. ئۇ «بەشەر ئەسەد بارلىق قىزىل سىزىقلارنى ئاللىقاچان چەيلەپ بولدى» دېدى. ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما بۇندىن ئىلگىرى قىلغان سۆزىدە «بەشەر ئەسەد خىمىيىۋى قورال ئىشلەتسە، قىزىل سىزىقتىن ھالقىپ كەتكەنلىك بولىدۇ» دېگەن ئىدى. ئەھمەد داۋۇتئوغلى بۈگۈنكى سۆزىدە «ئەسەد قىزىل سىزىقتىن ھالقىغان ئىكەن، ئۇ ھالدا ئۇنىڭغا چۇشلۇق ھەرىكەت قوللىنىش كېرەك» دەپ ئەسكەرتتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت