خوتەن شەھىرىدە «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» نى يۆتكەپ تەربىيەلەش باشلانماقچى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-01-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خەلقئارانىڭ بېسىمى ئاستىدا خىتاي ھۆكۈمىتى لاگېرلارنى ھەرقايسى جايلاردىكى كىشىلەرگە ھۆنەر-تېخنىكا ئۆگىتىدىغان «كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى» دەپ ئاقلاپ كەلمەكتە ئىدى. نۆۋەتتە خوتەن شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» دەپ ئاتىلىۋاتقان بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ياشلىرىنى بۇ يىل قىش پەسلىدىن باشلاپ «ئىشقا ئورۇنلىشىش» نامىدا «كەسپىي تەربىيەلەش» كە ئورۇنلاشتۇرغانلىقى مەلۇم بولدى.

«خوتەن شەھەرلىك ھۆكۈمەت تورى» نىڭ 7-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئۇيغۇر ياشلىرىنى «كەسپىي تەربىيەلەش» كە ئەۋەتىشنى «نامراتلىقنى يوقىتىپ، ياشلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بېرىش» دەپ تەشۋىق قىلماقتا ئىكەن. شۇنىڭدەك بۇ «تەربىيەلەش» نىڭ پۈتۈنلەي ھەقسىز ئىكەنلىكى، بۇ يەردە «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» نىڭ ھۆنەر-تېخنىكا ئۆگىنىپ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئوڭايلا بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە ئىكەن.

خوتەن شەھەرلىك «كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى» نىڭ مۇدىرى بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «ھازىر 420 ئوقۇغۇچى ئۆزىنى تىزىملاتتى. ئۇلار ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئائىلىۋى بەختىنى ئوڭايلا تاپالايدۇ» دېگەن.

ھالبۇكى بۇ خىل «تەربىيەلەش» نىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى ھەققىدە كۆپلىگەن ئۇچۇرلار ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بولۇپ، خەلقئارادا لاگېرلارنى تاقاش ھەققىدە چۇقانلار بېسىلمايۋاتقاندا يېڭىدىن يۈزلىگەن ئۇيغۇرنىڭ «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» نامىدا «تەربىيەلەش» كە ئەۋەتىلىشى ئانالىزچىلارنىڭ گۇمانىنى قوزغىماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت